جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «كۈرەش قىلايلى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى» بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن كۆرۈشكە قاتناشتى

日期:2019年09月30日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 29- كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «كۈرەش قىلايلى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى» بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى 4000دىن ئارتۇق تاماشىبىن بىلەن بىللە ئويۇننى كۆردى. ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار سەھنىگە چىقىپ ئارتىس، خىزمەتچى خادىملار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى)


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارليۇ خۇا، جۇ جىچەي) 70 يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش، 70 يىللىق سەلتەنەتلىك مۇساپە. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «كۈرەش قىلايلى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى» 9- ئاينىڭ 29- كۈنى كەچتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى 4000دىن ئارتۇق تاماشىبىن بىلەن بىللە ئويۇننى كۆرۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇساپىنى ئورتاق ئەسلىدى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىغا ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك زالىنىڭ ھەممىلا يېرى خۇشال كۈلكە سادالىرىغا تولغانىدى. ئىككىنچى قەۋەت كۆرۈش سۇپىسىدىكى لوزۇنكا ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرەيلى! خەلق سارىيىنىڭ تورۇسىغا رەڭگا - رەڭ چىرايلىق گۈللەرنىڭ سۈرەتلىرى پىرويېكسىيە قىلىپ چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، قىزغىن بايرام كەيپىياتى يارىتىلغانىدى. ئىككى قىزىل بايراق شەكلىدىكى سەھنە تېمى سەھنە ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، 36 نەپەر ھۆرمەت قاراۋۇلى ئىككى تەرەپتە قاتار تۇرغانىدى.

سائەت 19 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار زالغا كىرىپ، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

«كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى...» كىشى قەلبىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان مېلودىيەنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ تىپتىكى مۇزىكا ئۇسسۇللۇق تارىخىي داستان «كۈرەش قىلايلى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى»نىڭ پەردىسى ئېچىلدى.

كېچىلىك «كۈرەش قىلىش»نى ئاساسىي لىنىيە قىلغان بولۇپ، جەمئىي تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن.

1- بۆلەك «قان كېچىپ كۈرەش قىلىش» باشلىنىشى بىلەن، سىمفونىيە ۋە ئۇسسۇل «قوزغال، قوزغال» كىشىلەرنىڭ ئەسلىمىسىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئېغىر ئازاب - ئوقۇبەت چەككەن يىللارغا ئېلىپ باردى، ئارقىدىنلا جۇشقۇن ناخشا - ئۇسسۇل «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى»دا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ مىسلىسىز ئۇلۇغ ۋەقە قايتا نامايان قىلىندى، سىمفونىيە، خور ۋە ئۇسسۇل «نەنچاڭ قوزغىلىڭى» «شىجياڭيۆ . جىڭگاڭشەن» « قارلىق تاغ، ئوتلاقلاردىن ئۆتۈش» «يەنئەنگە مەدھىيە» «نەرە تارت خۇاڭخې» «چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش، چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش» قاتارلىقلاردا ۋاقىت تومۇرى ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، 28 يىل مىسلىسىز جاپا - مۇشەققەتلىك كۈرەش قىلىپ يېڭى جۇڭگونى قۇرغان ئۇلۇغ مۇساپىسى جانلىق نامايان قىلىندى.

2- بۆلەك «جاپالىق كۈرەش» يارقىن، ھەيۋەتلىك خور ۋە ئۇسسۇل «شەرق قىزاردى» بىلەن باشلىنىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش يىللىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. «مەدھىيە ناخشىسى» «قەد كۆتۈرگەن يانچىلار ناخشا ئېيتتى»دا ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ يېڭى تۇرمۇشنى باشلىغانلىقىدەك چەكسىز خۇشاللىقى كۈيلەندى، «قەھرىمانلارغا مەدھىيە» «مېنىڭ ۋەتىنىم»دە يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ۋەتەننى قوغدايدىغان ۋەتەننى سۆيۈش مۇھەببىتى مەدھىيەلەندى، «بىز داغدام يولدا مېڭىۋاتىمىز» «مەن ۋەتەن ئۈچۈن نېفىت تەقدىم قىلىمەن»دە مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن يېڭى بىر دۇنيا يارىتىشتەك جۇشقۇن كۈرەش ئىرادىسى بايان قىلىندى... سىمفونىيەلىك تەسۋىرىي ئويۇن «جۇمھۇرىيەت مۇھەببىتى»دىكى «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ»نىڭ ئاساسچىسى گو يوڭخۇەينىڭ دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراشتىن ئىلگىرى بەدىنى بىلەن قىممەتلىك ھۆججەتلەرنى قوغداپ قالغانلىق كۆرۈنۈشى نەق مەيداندىكى ھەربىر كىشىنى تەسىرلەندۈردى.

3- بۆلەك «ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش»تا ناخشا ۋە ئۇسسۇل ئارقىلىق ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتلىك مەدھىيە ئىپادىلەندى. «قەدەھ ناخشىسى» «ئۈمىدلىك دالىدا» «باھارنىڭ ھېكايىسى» «يېڭى دەۋرگە كىرىش» «جياڭشەن» قاتارلىقلاردا دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللەپ ياشنىغانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك، گۈزەللىكى مەدھىيەلەندى؛ «شەرقتىكى مەرۋايىت» «يەتتە پەرزەنت ناخشىسى» «يۇرتۇمنىڭ بۇلۇتى» قاتارلىقلاردا ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بولغان قىزغىن، سەمىمىي ئارزۇ ئىپادىلەندى؛ «يار ئېغىزىدىكى جەڭ» «ھايات - ماماتتا ئايرىلماسلىق» «چاڭجياڭ دەرياسى ناخشىسى» قاتارلىقلاردا جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قان قېرىنداشلىق، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچى نامايان قىلىندى. ھەربىر كىلاسسىك ناخشا - مۇزىكا، ھەربىر بۆلەك قالتىس نومۇرلار كىشىلەرگە داۋالغۇپ ئۆزگەرگەن، ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى قايتا ئەسلەتتى.

4- بۆلەك «كۈرەش قىلايلى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى»دا پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدەك ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش نامايان قىلىندى. دېكلاماتسىيە «خەلققە ئېھتىرام»دا خەلقنىڭ تەبىئەتنى ئۆزگەرتىشتەك ئۇلۇغ كۈچى كۈيلەندى، ناخشا - ئۇسسۇل «جاھاندا چاقنىغان جۇڭخۇا»غا خۇاشيا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ۋەتەننىڭ تىنچ - ئامانلىقى، گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشتەك چوڭقۇر مۇھەببىتى مۇجەسسەملەندى، «بىرسىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ»دا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۆجىزىلەر خاتىرىلەندى، «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش جەڭ مارشى»دا يېڭى دەۋردىكى ھەربىيلەرنىڭ مەردانە جاسارىتى ئىپادىلەندى، «مېنىڭ سۈزۈك سۈيۈم، يېشىل تېغىم»دا يېشىل تەرەققىياتنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى سۈرەتلەندى، «تىنچلىق − تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى»دە ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان گۈزەل كەلگۈسىگە چاقىرىق قىلىندى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق» «گۈللىنىشنىڭ كۈچى»دە چوڭقۇر مۇھەببەتلىك مېلودىيە ۋە تەسىرلىك ناخشا تېكىستى ئارقىلىق، «مىڭلىغان تاغ - دەريالاردىن ئۆتسەكمۇ كەلگەن يولىمىزنى ئۇنتۇمايمىز» دەيدىغان تەنتەنىلىك ۋەدە مەدھىيەلەندى، «ھەممە بىر نىيەتتە ئالغا قاراپ ئاتلىنىش»تەك ئۇلۇغۋار ئىرادە مەدھىيەلەندى.

«كۈرەش قىلايلى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى، يېڭى دەۋرنىڭ قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.كۈرەش قىلايلى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى، يېڭى دەۋرنىڭ ئىستىقبالى چەكسىز پارلاق...» كېچىلىك چوڭ تىپتىكى ناخشا - ئۇسسۇل «كۈرەش قىلايلى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى» بىلەن ئاياغلاشتى. ساراي ئىچى چىراغلار چاقناپ، ناخشا ۋە ئالقىش سادالىرى ياڭراپ شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى، كەيپىيات يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى.

پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، بىرلىكتە «ۋەتىنىمىزنى كۈيلەيمىز»نى يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتتى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار سەھنىگە چىقىپ، كېچىلىكتىكى ئارتىس، خىزمەتچى خادىملار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئويۇننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى كېچىلىكنى كۆردى.

كېچىلىكنى كۆرۈشكە قاتناشقانلاردىن يەنە: مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» «دوستلۇق ئوردېنى» «1- ئاۋغۇست ئوردېنى» ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىلغار، نەمۇنىچى شەخسلەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇقتىلىق نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى، شياڭگاڭلىق - ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ھەم ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بار.