شى جىنپىڭ 2019- يىللىق خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

日期:2019年08月31日
来源:新疆日报
【字体:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8- ئاينىڭ 30- كۈنى كەچتە بېيجىڭ شۇيلىفاڭدا 2019- يىللىق خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

سائەت 19دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مۇراتو، باش كاتىپى زاگرىس ھەمدە جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇۋاتقان فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت بىلەن بىللە شۇيلىفاڭ ئولىمپىك چوڭ زالىغا كىردى. پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ، قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ تەتۈر ساناق ئاۋازى ئىچىدە، باشلىنىش مۇراسىمى باشلاندى. قىزغىن، جۇشقۇن ۋاسكېتبول ئۆسمۈرلىرى ھاياتىي كۈچكە تولغان «مەن ۋاسكېتبول مەستانىسى»نى ئورۇنلىدى. ۋاسكېتبول كىيىمى كىيگەن 32 ئۆسمۈر بالا تەرتىپ بويىچە مەيدانغا چىقىپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان 32 دۆلەتنىڭ ئېلېمېنتى بېسىلغان ۋاسكېتبولنى بىربىرلەپ كۆرسەتتى.

پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى.

خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مۇراتو سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2019- يىللىق ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى تارىختىكى مۇسابىقە ئۆتكۈزگەن شەھەرلەر ئەڭ كۆپ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، دىققەتنى ئەڭ تارتىدىغان بىر نۆۋەتلىك مۇسابىقە. ئۇ جۇڭگو تەرەپنىڭ تەييارلىق خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بەردى ھەم چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى. بۇ نۆۋەتلىك ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك، قالتىس بولىدىغانلىقىغا ئىشەندى.

مۇراتونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق جاكارلىدى: 2019- يىللىق خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى باشلاندى!

نەق مەيداندا خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىغىن بايرىقى ۋە 2019- يىللىق خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بايرىقى چىقىرىلدى.

بۇ نۆۋەتلىك ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى «ئارزۇ ئوغلى» پۇشتەك چېلىنىشى بىلەن، «ئارزۇ ئەركىن تەسەۋۋۇر مۇزىكىسى» ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنىنىڭ پەردىسىنى ئاچتى.

جىڭجۈ تىياتىرى بىلەن پىيانىنو بىرلىكتە تەڭكەش قىلىنىپ «كۈندە چېنىققاندا ئادەم ئۆزىنى كۈچەيتەلەيدۇ» ئورۇنلاندى. ياش ناخشىچىلار بىرلىكتە «ئارزۇغا قاراپ يولغا چىقىش»نى ئورۇنلىدى. گۇچىن بىلەن ئورۇنلانغان «ئەلنىڭ كۈچى يېڭىلمەستۇر»دە، ئورتاق ياشاش، ئورتاق گۈللىنىشتەك شەرق پەلسەپىسى شەرھلەندى. يې شا ۋاسكېتبول كوماندىسى «ئىرادە قەلبىمدە»نى ئورۇنلاپ، 16 ياشلىق ۋاسكېتبولچى ئۆسمۈر يې شانىڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن بەدىنىدىكى ئەزالىرىنى تەقدىم قىلغانلىقى، ئەزانى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى تەشكىللەپ يې شانىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىق ھېكايىسىنى مەدھىيەلىدى. بەش چوڭ قىتئەدىن كەلگەن ۋاسكېتبول ياشلىرى ھەمدە جۇڭگولۇق سەنئەتكارلارمۇ ئېسىل نومۇرلارنى تەقدىم قىلدى.

جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياۋ مىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى مۇھاپىزەت قىلىپ مەيدانغا ئېلىپ كىردى. مۇسابىقە ئۆتكۈزىدىغان سەككىز شەھەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋاسكېتبول ئۆسمۈرلىرى تەرتىپ بويىچە: «جۇڭگونىڭ تەييارلىقى پۈتتى!» دەپ ئېلان قىلدى، بالىلار «غەيرەت قىل! ۋاسكېتبول»نى ئېيتىپ، بۇ نۆۋەتلىك ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە بولغان گۈزەل تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى.

دىڭ شۆشياڭ، سۈن چۇنلەن، ياڭ جيېچى، سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك دۆلەت كوماندىسى دەرىجىلىك ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى بولۇپ، ھەر تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ. 2019- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باسقۇچىدىكى مۇسابىقە 8- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلىدۇ.