چېن چۈەنگو سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىگە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2019年07月26日
来源:新疆日报
【字体:

7- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. چېن چۈەنگو سانجى شەھىرىنىڭ ليۇگۇڭ بازىرى شى ۋۇگۇڭ كەنتىدە جالالىدىن ئۇرايىم ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيارەت قىلىپ يوقلىدى، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. (مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

7- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

سانجى شەھىرىنىڭ ليۇگۇڭ بازىرى شى ۋۇگۇڭ كەنتىدە، چېن چۈەنگو جالالىدىن ئۇرايىم بىلەن لا چۇن ئىككى ئائىلىدىكىلەرنى زىيارەت قىلىپ يوقلىدى. چېن چۈەنگو دېھقان ھويلىسىغا كىرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ھەم شەھەر، بازارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، يۈزتۇرا مۇڭداشتى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئاساسىي قاتلام ئاساسى، ئاممىۋى خىزمەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، كۈنلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئاممىغا ئەڭ يېقىن، ئاممىغا ئەڭ بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئەڭ كەڭ دائىرىدە ئاڭلايدۇ، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئىشلىشى، ئەمەلىي ئىشلىشى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە، چۈشىنىشىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك؛ جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەر ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

دەل يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، سانجى شۆيۈەنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ۋە يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش - قوبۇل قىلىش تەييارلىق خىزمىتىنى جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەۋاتاتتى. چېن چۈەنگو خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالىي مەكتەپ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان جاي، ياشلار بىلىم ئۆگىنىدىغان، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدىغان، ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرىدىغان جاي. پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ زىيالىيلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ تىنچلىقى، ئىناقلىقىنى ياخشى قوغداپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

لەنسەن - تۈنخې پولىئېستېر چەكلىك شىركىتىدە، چېن چۈەنگو كارخانا مەسئۇلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى ھەم بىيولوگىيەلىك سۇسلاشتۇرۇلغان دېۋىرقاينى ئوراپ قاچىلاش سېخىغا كىرىپ، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى يېڭىلىق يارىتىشقا قويۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇھىت ئاسراش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتا قوش ئۈنۈم يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو يەنە سانجى شەھىرى نىڭبئەن يولى كوچىسىدىكى بېندى مەسچىتىگە كېلىپ، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى تۈپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىغا ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەڭ دىنىي ساھەدىكى زاتلارنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دىنىي قائىدە، دىنىي ئەقىدىلەرنى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات - ئىلگىرىلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىلىپ شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىن ئىبارەت باش تەلەپنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى تۇتۇش جايىدا بولۇش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشنى تۇتۇش جايىدا بولۇش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش جايىدا بولۇش، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى تۇتۇش جايىدا بولۇشنى ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسىلىگە توغرا قارايدىغان ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەت بىلەن مەخسۇس تۈزەشنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىكنى قاتتىق، ئەمەلىي تۇتۇپ كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۇختا نەتىجە - ئۈنۈم يارىتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو سانجى ئوبلاستىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، «بىرىكمە مۇشت» ئېتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.