چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

日期:2019年06月23日
来源:天山网
【字体:

چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

باش تېما تەربىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پۇختا ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىنىڭ يەنىمۇ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، چېن چۈەنگو قەشقەر داشۆسىدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆيۈنگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىسۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىياۋ تۇڭخەۋەر قىلىدۇ: 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر شەھىرى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى، كوناشەھەر ناھىيەسى، يوپۇغا ناھىيەسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمىدە نامايان قىلىش كېرەك.

قەشقەر رۇيى پەن-تېخنىكا توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسى، جاۋخۇا ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، يوپۇغا ناھىيەسىدىكى جىنلياڭ يېزا ئىگىلىك تىجارىتى ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىدە، چېن چۈەنگو كارخانا مەسئۇللىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، كارخانىلارنى مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى پائال كېڭەيتىپ، بازار ئېچىشنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىك ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

قەشقەر داشۆسىنىڭ شىنچۈەن مەكتەپ رايونىنىڭ مۇھىتى گۈزەل بولۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەيرەت-جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى. چېن چۈەنگو چەت ئەل تىلى شۆيۈەنى دەرسخانىسىغا كىرىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، ئىدىيە، ئۆگىنىش، تۇرمۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئالىي مەكتەپلەر ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىپ، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش، پەت تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، كۈچەيتىپ، تىنچ-ئامان، ئىناق مەكتەپ قۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. چېن چۈەنگو يەنە ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا، تىرىشىپ ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئوقۇتۇشتا ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: زىيالىيلار خىزمىتى پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى، پارتىيەنىڭ زىيالىيلار سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، زىيالىيلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، زىيالىيلارنى ھۆرمەتلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە بىلىمنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى كەيپىياتنى يارىتىش كېرەك.

كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدە، چېن چۈەنگو دېھقان ھويلىسىدا كەنت ئاھالىلىرى ۋە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1-شۇجىسى، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا مەسئۇللىرى بىلەن بىللە چۆرىدىشىپ يېقىن ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىپ، شەخسىي مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىپ، كوللېكتىپنى ئويلاپ، ئاممىغا ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى، نەتىجە يارىتىشىنى نامايان قىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىن باشلاپ تەربىيەلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ پەخىرلىنىش تۇيغۇسى، شەرەپ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى كېرەك.

چېن چۈەنگو تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تاجىك ئابات بازىرى نەۋئابات كەنتىگە كېلىپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە كۆچۈرۈلگەن نامرات ئائىلە دىلنەۋەر شادى ۋە يۈسۈپ زايىرخاندىن ئىبارەت ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنى يوقلىدى، كۆيۈنگەن ھالدا ئائىلە كىرىمى، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش، كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش، مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

چېن چۈەنگو يەنە قەشقەر شەھىرى ياشلار شىمالىي يولى مەسچىتىدە دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، دىنىي ساھەدىكى كەڭ زاتلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوتتۇرا يولنى چىڭ ساقلاپ، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، توغرا يول تۇتۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پۇختا ياخشى قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتەك ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى. قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇش، دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»، مۇتلەق نامراتلىقنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمىنى چىڭىتىش، سىياسەت-تەدبىرلەرنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش، ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق-مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى يېتەكچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، كۈچەيتىپ، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئۇل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ يەنىمۇ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.