شى جىنپىڭ 23- نۆۋەتلىك ساينت پېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى

日期:2019年06月08日
来源:天山网
【字体:

قول تۇتۇشۇپ يېپيېڭى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىنى ئېچىش تېخىمۇ گۈللەنگەن، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى

6- ئاينىڭ 7- كۈنى، 23- نۆۋەتلىك ساينت پېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنى ساينت پېتېربۇرگدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، بۇلغارىيە زۇڭتۇڭى رادېۋ، ئەرمېنىيە زۇڭلىسى پاشىنيان، سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى پېللېگرىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس قاتارلىقلار قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرايلى گۈللەنگەن گۈزەل دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا تەبرىك سۆزى قىلماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ساينت پېتېربۇرگ، 6- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خو شياۋگۇاڭ، لو جۈن، خاۋ ۋېيۋېي) 23- نۆۋەتلىك ساينت پېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنى 6- ئاينىڭ 7- كۈنى ساينت پېتېربۇرگدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، بۇلغارىيە زۇڭتۇڭى رادېۋ، ئەرمېنىيە زۇڭلىسى پاشىنيان، سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى پېللېگرىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرايلى گۈللەنگەن گۈزەل دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ۋەزىيەت ئۆزگىرىشى ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئېچىۋېتىلگەن، كۆپ مەنبەلىك دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىپ، ئومۇم مەنپەئەتلىنىدىغان، سىغدۇرۇشچان بەختلىك جەمئىيەتنى تىرىشىپ قۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل يۇرت - ماكان بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، قول تۇتۇشۇپ يېپيېڭى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىنى ئېچىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋەدىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئادا قىلىدۇ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. 2013- يىلى مەن «بىر بەلباغ، بىريول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، بۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى مەقسەت قىلىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى بىلەن نىشان، پىرىنسىپ، يولغا قويۇش يولى جەھەتتە يۈكسەك ماس كەلگەن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇ يىل 4- ئايدا، 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى تەرەپلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا بىردەك قوشۇلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: رۇسىيە جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم، ئالدى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش زۇڭتۇڭ پۇتىن تەشەببۇس قىلغان «چوڭ ياۋروپا - ئاسىيا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى» ئىدىيەسى بىلەن تۇتاشقان، ئىككى چوڭ تەشەببۇس ئۆزئارا بىر - بىرىنى قوللايدۇ، ئۆزئارا بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىر - بىرىگە زىت كەلمەيدۇ، رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەلىپىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ يېپيېڭى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىنى ئېچىشنى خالايدۇ.

بىرىنچى، بىز ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئېچىۋېتىلگەن، كۆپ مەنبەلىك دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتىنى يارىتىدۇ. بىز بايرىقىمىز روشەن ھالدا ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى تەكشى بولماسلىق، باراۋەر بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىمىز. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن 5G تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ يېڭى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بەھرىلىنىپ، يېڭى يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئورتاق يېتىشتۈرۈشنى خالايدۇ.

ئىككىنچى، بىز ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئومۇم مەنپەئەتلىنىدىغان، سىغدۇرۇشچان بەختلىك جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. جۇڭگو داۋاملىق نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىپ، كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن يۆلەپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئاجىزلار توپىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بىز ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە نامراتلارنى ئازايتىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلاردا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ زور ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىشنى خالايمىز.

ئۈچىنچى، بىز يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل يۇرت - ماكان بەرپا قىلىشقا كۈچىشىمىز كېرەك. بىز سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دەيدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بايلىقنى تېجەپ تۈجۈپىلەپ ئىشلىتىش ۋە تەكرار ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن پۈتۈن يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق تەخىرسىز مەسىلىلەرگە قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، «پارىژ كېلىشىمى» قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات يەنىلا بۈگۈنكى دەۋرنىڭ باش تېمىسى، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك بۇنداق زىچ باغلىنىشلىق بولمىغان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك بۇنداق چوڭقۇر يۇغۇرۇلمىغان، خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كەلگەن يېڭى تېما، يېڭى خىرىسمۇ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. ئىنسانلار يەنە بىر قېتىم تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ھازىرقى يەر شارىۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان «ئالتۇن ئاچقۇچ». جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى تەشەببۇس قىلىپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەر شارى كەنتىنىڭ ئۇزاققىچە تىنچ، خاتىرجەم بولۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن گۈزەل دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم بېرىلدى)

پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا ۋەزىيىتىدە نۆۋەتتە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان يۈزلىنىش كۆرۈلدى. 2008- يىلى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈزبەرگەندىن بۇيان، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر تۈپتىن ھەل بولمىدى، خەلقئارالىق سودىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇش ئۈنۈمى تۆۋەنلىدى، قورۇقچىلىق باش كۆتۈردى. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى تەسىرىنىڭ ئېشىشى ئالدىدا، بەزى غەرب دۆلەتلىرى سودا ئۇرۇشى قوزغاش، پۇل مۇئامىلە زومىگەرلىكىنى يولغا قويۇش، ھە دېسىلا بىر تەرەپلىمە جازا قوللىنىش ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە قولىنى سوزۇش، نورمال مائارىپ ئىلىم ئالماشتۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىق يولسىز ۋاسىتىلەر بىلەن بېسىم ئىشلەتتى. ئايرىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو خۇاۋېي شىركىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. پۇتىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيادا ھەممىلا يەرگە باب كېلىۋېرىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسى يوق، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يولىنى تاللاش ھوقۇقى بار، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئۆز ئىرادىسىنى باشقىلارغا مەجبۇرىي تېڭىش ھوقۇقى يوق. باراۋەر بولمىغان خەلقئارا تەرتىپ مۇقىم بولمايدۇ ۋە سىجىل داۋاملاشمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇش ئاساسىدا يېڭى خەلقئارا تەرتىپ ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى يادرولۇق ئورنىغا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تولۇق ئېتىبار بېرىشى كېرەك. رۇسىيە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

يىغىنغا قاتناشقان باشقا رەھبەرلەر ئارقا - ئارقىدىن مۇنداق بىلدۈردى: يەر شارىۋىلىشىش كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن ھەر خىل مەسىلە ۋە خىرىس ئالدىدا، يالغۇز كۈرەش قىلىش ئاقمايدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر چوقۇم قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئاللىقاچان كۆپ تەرەپچىللىك، خەلقئارا قائىدە ۋە ئەركىن سودىنى قوغدايدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. ھەرقايسى دۆلەتلەر يەككە تەرەپچىللىككە قەتئىي قارشى تۇرۇشى، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسىنى قوغدىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە رولىنى قوغدىشى كېرەك. زىچ كېڭىشىپ سۆزلىشىپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ھەم ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قاتارلىق رايون ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بىلەن ئۇدۇللىشىشىنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال مۇھاكىمە قىلىپ، رەقەمدىكى پەرقنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ تەكشى، سىغدۇرۇشچان، ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا خەۋپسىزلىك ۋە دۇنيانىڭ ئىناقلىقىنى قوغدىشى كېرەك.

ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ھالقىسىدا، شى جىنپىڭ يەنە يەر شارىۋىلىشىشقا تەتۈر يۆنىلىشتە مېڭىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادرو قورالىدىن خالىيلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىن رىياسەتچىسى سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يەر شارىۋىلىشىش تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش، جۇڭگو يەر شارىۋىلىشىشنىڭ ئەڭ قەتئىي تەشەببۇسچىلىرى ۋە قوغدىغۇچىلىرىنىڭ بىرى. ھازىر، دۇنيادا كۆرۈلگەن يەر شارىۋىلىشىشقا تەتۈر يۆنىلىشتە ماڭىدىغان بىر قىسىم ھەرىكەتلەر پەقەت يەر شارىۋىلىشىش ئېقىمىدا كۆتۈرۈلگەن ئازراق بۇژغۇن بولۇپ، يەر شارىۋىلىشىش چوڭ ئېقىمىنى توسۇيالمايدۇ. يەر شارىۋىلىشىشتا كۆرۈلگەن بىر قىسىم مەسىلىلەر قورقۇنچلۇق ئەمەس، گېلىغا تۇرۇپ قېلىشتىن قورقۇپ تاماق يېمەسلىككە، ھە دېسىلا قورۇقچىلىق، بىر تەرەپچىللىك تەدبىرىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، قوشنىسىغا ئورا كولايدىغان شەخسىيەتچىلىك ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. بىز شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، يەر شارىۋىلىشىشتا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئېچىۋېتىشنى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. بىز باشقىچە يول تۇتماقچى ئەمەس، بەلكى ھازىرقى خەلقئارا سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرمەكچى. ئادىل، باراۋەر بولۇش ئاساسىدا، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلاردىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزەش رامكىسى ۋە مەنپەئەت تەقسىماتىنى تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، مۇۋاپىقلاشتۇرۇش كېرەك. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، بۇزغۇچىسى بولماسلىققا، كۆۋرۈك سالغۇچىسى بولۇپ، ئورا كولىغۇچىسى بولماسلىققا كۈچ چىقىرىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز، جۇڭگو - رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھى، جۇڭگو ئاسىيا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن ھەمكارلىق ھەمراھىغا ئايلاندى. جۇڭگو - ئامېرىكا ئارىسىدىكى ئالاقە كۆپىيىپ، مەنپەئىتى يۇغۇرۇلدى، ئاتالمىش ئايرىلىپ كېتىشنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭمۇ بۇنداق ئەھۋالنى كۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالتە يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى، قاتناشقان تەرەپلەر تارىختىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» دائىرىسىدىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ كېتىپ، بۇ تەشەببۇسنىڭ قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ جۇڭگونىڭ ئۆز ئارزۇسىنى ئاساس قىلىشى ئەمەسلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرىدۇ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ بەزىلەر دەۋاتقان ھازىرقى زامان مارشال پىلانى ئەمەس. «بىر بەلباغ، بىر يول» يەنە ئاتالمىش جۇڭگونىڭ مۇستەملىكە پىلانىمۇ ئەمەس، جۇڭگونىڭ ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىش تارىخى بولۇپ باقمىغان. بىز قەتئىي ھالدا جۇڭگونىڭ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىمىز ھەم داۋاملىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. بىز بۇ غايىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە تېخىمۇ ئورتاق تونۇشقا ئېرىشىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدە، خەلقئارا جەمئىيەت چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۆزئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا داۋاملىق ئىلھاملاندۇرۇپ، بىرلىشىپ كۈچ چىقىرىپ يېرىم ئارال مەسىلىسىنىڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق كېلىشتۈرۈش ۋە سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال كۈچەپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ.

پۇتىن ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش ھالقىسىدا جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ۋە زىچ ماسلىشىش، ھەمكارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئالقىشلاپ، رۇسىيە - جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە باراۋەر بولۇش ئاساسىدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق ئىستىقبالىنىڭ كەڭلىكىنى، خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىشىشىنىڭ مول نەتىجە - ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، جۇڭگو تەرەپ بۇ تەشەببۇسنى ئالغا سىلجىتقاندا ئەزەلدىن باشقىلارغا زورلاپ تاڭمىدى. يىغىنغا قاتناشقان باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ مۇنداق بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىشنى خالايمىز، بەزى دۆلەتلەرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.