جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 8 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى

日期:2023年09月19日
来源:新疆日报
【字体:

​شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى قۇرۇلتايغا كېلىپ تەبرىكلىدى   دىڭ شۆشياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى


9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 8 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىدە قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى


9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 8 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 8 - قۇرۇلتىيى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قۇرۇلتايغا كېلىپ تەبرىكلىدى، دىڭ شۆشياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات داغدۇغىلىق، قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 8 - قۇرۇلتىيى» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغانىدى، كەينىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ گېربى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە قاتار تىزىلغانىدى. 2 - قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىغا «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ مېيىپلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتايلى!» دېگەن چوڭ پىلاكات ئېسىلغانىدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 600دىن ئارتۇق ۋەكىل تەخمىنەن 85 مىليون مېيىپنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ قۇرۇلتايغا قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

قۇرۇلتاي جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى.

دىڭ شۆشياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە مېيىپلەرنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ مېيىپلەر، مېيىپلەرنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرى، مېيىپلەر خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى، مېيىپلەر ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن، مەدەت بەرگەن جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى زاتلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

دىڭ شۆشياڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىپ، «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، مېيىپلەرنىڭ بىرىمۇ كەم قالسا بولمايدۇ» دېگەن نىشان قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كەڭ مېيىپلەر ئارزۇنى ھەمراھ قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ھەربىر گۈزەل ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئۇلۇغ مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى جانلىق ئىزاھلىدى.

دىڭ شۆشياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باراۋەر بولغان، يۇغۇرۇلغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان قىممەت يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تارىخىي بۇرچنى مەھكەم ئىگىلەپ، مېيىپلەرنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى مەھكەم ئىگىلەپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت مېيىپلەر ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مېيىپلەر خىزمىتى كومىتېتى بىرتۇتاش پىلانلاش - ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار زىچ ماسلىشىپ، ھەر دەرىجىلىك مېيىپلەر بىرلەشمىلىرى ئەستايىدىللىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، كەڭ مېيىپلەر ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىش، ئۆزىگە تايىنىش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە مېيىپلەرنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك.

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شۇجىچۇسىنىڭ 1 - شۇجىسى خۇاڭ شياۋۋېي جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار بىرلەشمىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن قۇرۇلتايدا تەبرىك سۆزى قىلدى. تەبرىك سۆزدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقە باغلىغان ئاممىنى تېخىمۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن پارتىيەگە يېقىندىن ئەگىشىپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش داغدام يولىدا مېڭىشقا يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جاڭ خەيدى جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى 7 - نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسىتىگە ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى» دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ بىر قىسىم شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 8 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.