19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خاڭجوۋدا داغدۇغىلىق باشلاندى

日期:2023年09月25日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەھبەرلەر ۋە ئەزىز مېھمانلار قاتارلىقلار قاتناشتى


9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كەچتە، 19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. سۈرەتتە: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىدە كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى


9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كەچتە، 19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. شى جىنپىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى


9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئارتىسلار باشلىنىش مۇراسىمىدا ئويۇن كۆرسەتمەكتە. شۇ كۈنى، 19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ ۋېنياۋ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى چيەنجياڭ دەرياسى دولقۇنلاپ مەۋج ئۇردى، كاتتا مەرىكە خۇشال - خۇرام كۈتۈۋېلىندى، قول تۇتۇشۇپ كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشقا بىرگە ئاتلاندى. 19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كەچتە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ ھەمدە ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەھبەرلەر ۋە ئەزىز مېھمانلار قاتارلىقلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

تۈن پەردىسى ئاستىدا، چيەنتاڭجياڭ دەرياسى بويىغا جايلاشقان خاڭجوۋ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى تەنتەربىيە مەيدانىدا چىراغلار چاقناپ، رەڭگارەڭ نۇر چېچىپ تۇراتتى. چوڭ نېلۇپەر گۈلى شەكلىدىكى بۇ ئىمارەت ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇقەددەس ئوتىنىڭ 3 - قېتىم جۇڭگودا تۇتاشتۇرۇلغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.

باشلىنىش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن، جېجياڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئامما يەرلىك خاسلىققا ئىگە ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، نەق مەيدان كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى.

سائەت 19دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، «تىنچلىق − تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» ناملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى سىنگ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ قاتارلىقلار بىلەن بىللە رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، كۆرۈرمەنلەرگە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دەل جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە 24 مەۋسۇم ئىچىدىكى «كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىكى». دەل سائەت 20دە، «سۇ شەيئىلەرنى ياشناتتى، كۈز ئالتۇن رەڭلىك نۇر چاچتى» ناملىق مېھمان كۈتۈۋېلىش ئويۇنى 19 «سۇ قاشتاش سۇڭ»نىڭ چېلىنىشىدىن چىققان ياڭراق دۇمباق ساداسى ئىچىدە باشلاندى. مەيدان مەركىزىدىكى تەتۈر ساناق رەقىمىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار بىردەك توۋلىدى. يەر ئېكرانىدا قاشتاش سۇڭ، قاشتاش قۇش، مۇقەددەس بەلگە قاتارلىق ئىزنالار قەدىمىي شەھەر خارابىسى بىلەن بىر - بىرلەپ پەيدا بولۇپ، ياپيېشىل رەڭدىن ئالتۇن رەڭگىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، كۈزلۈك يىغىمنىڭ تەبىئىي ئىزلىرىنى نامايان قىلىپ، لياڭجۇنىڭ مەدەنىيلىك نۇرى، ئالتۇن رەڭلىك مول ھوسۇل گۈزەللىكىنى ئىپادىلىدى.

مەيداندا گۈزەل تاغ - دەريالارنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى نامايان بولدى، بىر قىزىل يىپەك يېيىلدى، «سۆيىمەن سېنى جۇڭگو» دېگەن چوڭقۇر مۇھەببەتلىك مېلودىيەگە ئەگىشىپ، سەككىز ھۆرمەت قاراۋۇلى مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى مۇھاپىزەت قىلىپ مەيدانغا كىردى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى. بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، كۆكتە جەۋلان قىلدى.

سائەت 20دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، تەنھەرىكەتچىلەر مەيدانغا كىرىش مۇراسىمى باشلاندى. «بىزنىڭ ئاسىيا» ناملىق لەرزان مۇزىكىغا ئەگىشىپ، 45 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كىرىپ، پۈتۈن مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق ناخشىنىڭ جۇشقۇن مېلودىيەسى ياڭرىدى، ساھىبخانا دۆلەت جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەڭ ئاخىرىدا مەيدانغا كىردى، شى جىنپىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن مەيدان قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئالقىش تەنتەنە سادالىرى توختىماي ياڭرىدى. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدە جەمئىي 1329 كىشى بار، بۇنىڭ ئىچىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچى 886 كىشى بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى 38 چوڭ تۈر، 407 كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ.

خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ خاۋ سۆزىدە تەشكىلىي كومىتېت ۋە 65 مىليون جېجياڭ خەلقىگە ۋاكالىتەن ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇلارنىڭ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەختكە ئېرىشىپ، گۈزەل خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەپىرىنىڭ مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى گاۋ جىدەن سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىر نۆۋەتلىك قالتىس ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. بىز ئولىمپىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاسىيا تەنھەرىكىتى يېڭى رېكورتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى يېپيېڭى يۆگىمە رەسىمىنى بىرلىكتە سىزىپ چىقايلى.

ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى سىنگ سۆزىدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى، جېجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، خاڭجوۋ شەھەرلىك ھۆكۈمەت، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ۋە خاڭجوۋ شەھەر ئاھالىلىرى ھەمدە تەييارلىق خىزمىتىگە قاتناشقان بارلىق خادىملارغا ئەڭ سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈردى، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنىڭ قالتىس ياخشى ئىشلىگەنلىكىنى ماختىدى، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەربىر كىشىنىڭ مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ئەسلىمە ھاسىل قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى بىلدۈردى.

سائەت 21دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە، باشلىنىش مۇراسىمى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان دەقىقىنى كۈتۈۋالدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ: خاڭجوۋ 19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى! دەپ جاكارلىدى، شۇ ھامان، پۈتۈن مەيدان قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، «رەقەم ساليوتى» رەڭگارەڭ نۇر چېچىپ، پۈتۈن مەيداندا ئالقىش، تەنتەنە سادالىرى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

دۆلىتىمىزنىڭ سەككىز مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىسى، تىرېنېرلار ۋەكىلى ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ مۇسابىقە بايرىقىنى كۆتۈرۈپ مەيدانغا كىردى. ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ مۇسابىقە مارشىغا ئەگىشىپ، ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ مۇسابىقە بايرىقى ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بىلەن بىرلىكتە ئېگىز جەۋلان قىلدى.

تەنھەرىكەتچى جېڭ سىۋېي ۋە سۈن يىڭشا، رېپىر ياڭ جۇڭمىن ۋە گاۋ جياچى ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر ۋە رېپىرلارغا ۋاكالىتەن قەسەم بەردى.

چىراغ نۇرى بارا - بارا غۇۋالاشتى، چوڭ ئېكراندىكى «خاڭجوۋدا ئۇچرىشىش» ناملىق قىسقا فىلىم پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى: خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بەلگىسى ۋاقىتنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردىكى كىشىلەر ئارىسىدا يەتكۈزۈلۈپ، دۇنيانى قىزغىن تەكلىپ قىلدى.

«ئاسىيادىن كۆتۈرۈلگەن دولقۇن» ناملىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى باشلاندى، ئويۇن 1 -، 2 -، 3 - بۆلەكتىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. 1 - بۆلەك «دۆلەت ئۇسلۇبىدىكى مۇڭلۇق كۈيلەر»دە، دۆلىتىمىز ئۆرپ - ئادىتى بويىچە كىيىنگەن ئۆسمۈرلەر يەرنى رەسىم قىلىپ، سىياھقا جور بولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشتى، سۇڭ سۇلالىسى ئۇسلۇبىدا كىيىنگەن زىلۋا بىر قىز لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى، ساياھەت كېمىلىرى ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ئىستېرېئولۇق تەسۋىردىن شەكىللەنگەن ئەگمە كۆۋرۈك چوڭ قانالنىڭ ئۈستىدە جانلىق گەۋدىلىنىپ، چيەنتاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى ئاۋاتلىق ۋە جياڭنەننىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ئىبارەت چوڭقۇر مەزمۇنلۇق كۆرۈنۈش نامايان بولدى. 2 - بۆلەك «دولقۇنلاپ مەۋج ئۇردى چيەنتاڭجياڭ دەرياسى»دا، بوشلۇقتا پەرۋاز قىلغان ئارتىسلار دولقۇن بىلەن بىللە ئۇسسۇلغا چۈشتى، «ئەزىمەتلەر» يەلكەنلىك كېمىگە ئولتۇرۇپ ئېقىنغا قوشۇلدى، قۇت بەلگىسى «جياڭنەنيى» سۇنى يېرىپ چىقىپ، سەكرەپ تۇرۇپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان تەنھەرىكەت دولقۇنىنى قوزغىدى. 3 - بۆلەك «قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش»تە، «ئاققوتان زېرەكچاقلار» يۇلتۇزلار دېڭىزىدا ئۈزدى، لەرزان ناخشا ساداسى ۋە يېقىملىق يۆجۈ تىياتىرى ئاھاڭىغا جور بولۇپ، نەچچە يۈز داشۆ ئوقۇغۇچىسى قولىغا نۇر چېچىپ تۇرغان سېرىق دارچىننى ئېلىپ، ئۇزاققا سوزۇلغان «سېرىق دارچىن دەرياسى»نى يورۇتتى، ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەتلىرى ئورتاق نامايان قىلىنىپ، ھەرقايسىسى ئۆز گۈزەللىكىدىن زوقلىنىدىغان، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىدىغان ئاسىيا يۆگىمە رەسىمىنى شەكىللەندۈردى. ئېسىل نادىر نومۇرلار نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى چەكسىز ھاياجانغا سالدى.

سائەت 21دىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاساسىي مەشئەلگە ئوت تۇتاشتۇرۇش مۇراسىمى باشلاندى. لياڭجۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىن ئېلىنغان ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن باشلاپ جېجياڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يەتكۈزۈلۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا خاڭجوۋ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى تەنتەربىيە مەيدانىغا يەتكۈزۈلدى.

تەنتەربىيە مەيدانىدا يې شىۋېن، فەن جېندۇڭ، شۈ مېڭتاۋ، شى جىيۇڭ، لى لىڭۋېي، ۋاڭ شۇن قاتارلىق ئالتە مەشئەل يەتكۈزگۈچى كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەق مەيداندىكى چوڭ ئېكراندا 100 مىليوندىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان رەقەملىك مەشئەل يەتكۈزۈشتىن توپلانغان «رەقەملىك مەشئەل يەتكۈزگۈچى» مەشئەلنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈپ كەلدى. «دولقۇنلاپ مەۋج ئۇردى چيەنجياڭ دەرياسى» ناملىق ئاساسىي مەشئەل مۇنارى ئاستا - ئاستا ئېچىلدى. ھەممەيلەننىڭ نەزەر سېلىشىدا، ئەڭ ئاخىرقى بىر مەشئەل يەتكۈزگۈچى ۋاڭ شۇن «رەقەملىك مەشئەل يەتكۈزگۈچى» بىلەن بىرلىكتە «دولقۇنلاپ مەۋج ئۇردى چيەنجياڭ دەرياسى» ناملىق ئاساسىي مەشئەل مۇنارىغا ئوت تۇتاشتۇردى، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىدى.

«بىزنىڭ ئورتاق بىر ئائىلىمىز بار، رىشتىمىز تۇتاشقان، مېھىر - مۇھەببىتىمىز باغلانغان» «يۈز مىليونلىغان ئىپتىخارلىق ساداسى بىر جۈملە سۆزگە مۇجەسسەملەندى، يەنى ھەممىمىز ئاسىيادا بىللە ياشايمىز»... پۈتۈن مەيداندىكىلەر بىرلىكتە خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسىي ناخشىسى «ئورتاق قىزغىن سۆيۈش، ئورتاق قاتنىشىش»نى ئېيتتى، پۈتكۈل تەنتەربىيە مەيدانى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى.

باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلاردىن كامبودژا پادىشاھى سىخامونى، سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر ۋە رەپىقىسى ئەسما، كۇۋەيت تەخت ۋارىسى مىشال، نېپال زۇڭلىسى پىراچاندا، شەرقىي تىمور زۇڭلىسى شانانا، كورېيە زۇڭلىسى خەن دېجۇ، مالايسىيا تۆۋەن پالاتاسىنىڭ پالاتا باشلىقى زوخارى ۋە رەپىقىسى نوراينى ھەمدە بىرۇنېي سۇلتانىنىڭ ۋەكىلى شاھزادە سۇفرى، قاتار ئەمىرىنىڭ ۋەكىلى شاھزادە جوئان، ئىيوردانىيە شاھزادىسى فايسال، تايلاند مەلىكىسى سىرىۋانناۋارى قاتارلىق خان جەمەتى ۋەكىللىرى بار.

ۋاڭ يى، لى گەنجيې، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، شېن يىچىن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ، جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى خۇڭ شيۇجۇ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ ئەمەلدارلىرى قاتارلىقلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.