شى جىنپىڭ ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بىلەن سۆھبەتلەشتى

日期:2023年09月15日
来源:新疆日报
【字体:


9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن مادۇرو ۋە رەپىقىسى فلورېس بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ خۇا)، 9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋىتىنى دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئىككى دۆلەت ئاجايىپ قالتىس تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى، ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى داۋامىدا بىر ـ بىرىنى قوللاپ، جانجىگەر دوستلۇق ئورناتتى. جۇڭگو تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن ۋېنېزۇئېلا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ۋېنېزۇئېلا تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مىللەتنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، ۋېنېزۇئېلا تەرەپنىڭ سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش ھەققانىي ئىشلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلانىڭ دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ماس كېلىدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو ـ ۋېنېزۇئېلا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت يارىتىشى، شۇنداقلا دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر، جۇڭگو بۇ جەرياندا قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى قەدىرلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىدۇ. ھېچقانداق كۈچ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋېنېزۇئېلا تەرەپ بىلەن بىر ـ بىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قەتئىي قوللاپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋېنېزۇئېلا تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇشىغا مەدەت بېرىشنى خالايدۇ، ۋېنېزۇئېلا تەرەپ بىلەن ئالاقىدار تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ۋېنېزۇئېلا تەرەپنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، ئىككى تەرەپ بۇنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ۋېنېزۇئېلا تەرەپ بىلەن ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ۋېنېزۇئېلادا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرۇش، كۇڭزى شۆيۈەنىنى ياخشى باشقۇرۇش، تاراتقۇلار ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىشنى قوللاپ، جۇڭگو ـ ۋېنېزۇئېلا دوستلۇق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو ـ ۋېنېزۇئېلا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئارىلاشما كومىتېتىنىڭ 17 ـ قېتىملىق يىغىنىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېيىنكى باسقۇچتا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ۋېنېزۇئېلانىڭ ئەلا سۈپەتلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ۋېنېزۇئېلانىڭ جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان خەلقئارا ئاي شارى پەن تەتقىقات پونكىتى ھەمكارلىقىغا قاتناشقان ئامېرىكا قىتئەسىدىكى تۇنجى دۆلەت بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، «77 دۆلەت گۇرۇھى ۋە جۇڭگو» قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمدا زىچ ماسلىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئورتاق قوغدىشى، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى، كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. كېلەر يىلى جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق رايون دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

مادۇرو مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە بەخت ـ سائادىتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان ئۇلۇغ دۆلەتكە ئايلاندى، شۇنداقلا كۆپ قۇتۇپلاشقان يېڭى دۇنياغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتور. مەن بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. ۋېنېزۇئېلا ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەرشارىۋى جەنۇب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. ۋېنېزۇئېلا خەلقى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ۋېنېزۇئېلا قانۇنسىز يەككە تەرەپلىك جازالاشقا ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىدىن ئىبارەت قاتمۇقات قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا قىممەتلىك مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. دەل جۇڭگولۇق قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىنىڭ تۈرتكىسىدە، ۋېنېزۇئېلا خەلقى سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر، ۋېنېزۇئېلا دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ۋېنېزۇئېلا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئوخشاشلا مۇھىم مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، مېنىڭ جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىم ھەم رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە ۋېنېزۇئېلا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىغانلىقىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا ۋېنېزۇئېلا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچىدۇ. ۋېنېزۇئېلا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى، مەبلەغ سېلىش، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ۋېنېزۇئېلا تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پائال قوللايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئالتۇن كېسەك مېخانىزمى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ۋېنېزۇئېلا تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ئىقتىساد ـ سودا، مائارىپ، ساياھەت، پەن ـ تېخنىكا، سەھىيە، ئالەم قاتنىشى، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ۋېنېزۇئېلا بولىۋار جۇمھۇرىيىتىنىڭ دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى مەيداندا مادۇرو ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مادۇرو يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. مادۇرو شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ۋە مادۇرونىڭ رەپىقىسى فلورېس ھەمراھ بولۇپ قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا مادۇرو ۋە فلورېس ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.