جىتۇەنجۈن قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىشتا قوللىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قىسىملارنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

日期:2023年09月12日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ 78 ـ جىتۇەنجۈننى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

جىتۇەنجۈن قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىشتا قوللىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قىسىملارنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 78 ـ جىتۇەنجۈننى كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاربىن، 9 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى 78 ـ جىتۇەنجۈنگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جىتۇەنجۈن قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىشتا قوللىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قىسىمنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان بۇرچ، ۋەزىپىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىش كېرەك.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇتلار ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ 78 ـ جىتۇەنجۈن ئورگىنىغا كېلىپ، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە جىتۇەنجۈندىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئالدىنقى مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال قاتارلىق جايلىرى قاتتىق يامغۇر ۋە ئېغىر كەلكۈن، گېئوئاپىتىگە ئۇچرىدى. ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تېزدىن ئاتلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ 78 ـ جىتۇەنجۈننىڭ تەڭشەپ تەشكىللەنگەندىن بۇيانقى قىسىم قۇرۇلۇشى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىم، قىيىن تۈرلەر بويىچە مەخسۇس بولغان سەرخىل مەشىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە جەڭگىۋار كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قارىمىقىدىكى ئۇرۇش قىلىش كۈچى، ئۇرۇش قىلىش بىرلىكى، ئۇرۇش قىلىش مۇھىم ئامىلىنى يۇغۇرۇپ توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىغا ئورگانىك سىڭىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قىسىمنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئاساس سېلىپ، قىسىمنىڭ تەربىيەلەش، باشقۇرۇشىنى چىڭىتىپ، قىسىمنىڭ يۈكسەك مەركەزلەشكەن بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. 2 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، قىسىم تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ غەم ـ ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، جىتۇەنجۈن قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.

جاڭ يوۋشيا قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.