دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خېيلۇڭجياڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

日期:2023年09月09日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خېيلۇڭجياڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى


9 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان خاربىن شاڭجى شەھىرىنىڭ لاۋجيېجى يېزىسى لۇڭۋاڭمياۋ كەنتىدە، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى ۋە قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان خادىملار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى


9 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ داشىڭئەنلىڭ ۋىلايىتىنىڭ موخې شەھىرى بېيجى كەنتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، شۇ جايدىكى ئاممىغا قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاربىن، 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، بايلىق ئەۋزەللىكى، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكى، پەن تەتقىقات ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم تاۋار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ئېغىر تىپتىكى جابدۇق ئىشلەپچىقىرىش - ياساش بازىسى، مۇھىم ئېنېرگىيە ۋە خام ماتېرىيال بازىسى، شىمالدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى، شىمالغا ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئېگىزلىكنى ياخشى قۇرۇپ، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، كەسىپ بىخەتەرلىكىنى قوغداش داۋامىدا پائال تۈردە ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە گۈللەندۈرۈش داۋامىدا خېيلۇڭجياڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

9 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ چىن ۋە ئۆلكە باشلىقى لياڭ خۇيلىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، داشىڭئەنلىڭ، خاربىن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئورمانچىلىق مەيدانى، يېزا - كەنت، ئالىي مەكتەپ قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش نەق مەيدانىغا بېرىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ داشىڭئەنلىڭ ۋىلايىتىنىڭ موخې شەھىرىگە بېرىپ، موخې ئورمانچىلىق مەيدانى تەبىئىي ئورمان رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەبىئىي ئورماننىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ۋە ئورمان زىرائەتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، شۇ جاينىڭ ئورمان بايلىقى مۈلكىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسىپنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ھەمدە ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈشنى كۈچەيتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئورمان بىنا قىلىش بىلەن ئورمان قوغداشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىش، ئالدىن تەدبىر قوللىنىش كېرەك، نەچچە ئون يىل، نەچچە يۈز يىل، نەچچە مىڭ يىللىق تۆھپىنى بىر كۈندىلا نابۇت قىلىۋېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ دۆلىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ شىمالىي چېگراسىدىكى دەريا بويىغا جايلاشقان كەنت بېيجى كەنتىگە بېرىپ، شۇ جاينىڭ رايون ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆزگىچە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئورمان سۇ ئامبىرى، ئاشلىق ئامبىرى، پۇل ئامبىرى، كاربون ئامبىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بىر چوڭ خەزىنە. يېشىللىقنى كۆپەيتكەنلىك ئەۋزەللىكنى كۆپەيتكەنلىك، ئورماننى قوغدىغانلىق بايلىقنى قوغدىغانلىق دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، قوغداش ئالدىنقى شەرتىدە، پۇقرالارنى ئورمان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. كەنت ئاھالىسى شى رۈيجۇەن ئائىلىسىنىڭ ئائىلىۋى مېھمانخانىسىنىڭ كىچىك ھويلىسىدا، شى جىنپىڭ يۇرتداشلاردىن يەرلىكنىڭ يېزا - كەنت خاس كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بېيجى كەنتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ياخشى ئىكەن، كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى. داشىڭئەنلىڭ ئورمانلىقىنى ياخشى قوغدىغاندىلا، ساياھەتچىلىك ئاندىن جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ جاينىڭ ساياھەت بايلىقى ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە، يەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت سىياسەت مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئورمان ئىقتىسادى ۋە ساياھەتچىلىكتىن ئىبارەت ئىككى كەسىپنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىمالىي جۇڭگونىڭ چېگرا رايون مەنزىرىسى، قار - مۇز بايلىقى ئارقىلىق يۇرتداشلارنى ئۈزلۈكسىز كىرىم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

كىچىك ھويلىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، شۇ جايدىكى ئامما يولنىڭ ئىككى چېتىدە تۇرۇپ باش شۇجىنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: بېيجى كەنتىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، يېزا - كەنتلەرنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە ئورتاق ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلارنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئاپەتكە بىر قەدەر ئېغىر ئۇچرىغان خاربىن شاڭجى شەھىرىنىڭ لاۋجيېجى يېزىسى لۇڭۋاڭمياۋ كەنتىگە بېرىپ، شالنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ۋە كەلكۈن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان ئۆيلەرنى قايتا قۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. كەنت ئاھالىسى ياڭ چۈنگۇينىڭ ئۆيى كەلكۈن ئاپىتىدە سۇ بېسىپ كېتىپ، ئۆي ئىچىدىكى ئەسلىھەلەر زىيانغا ئۇچراپ، تاملىرى يېرىلىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىر رېمونت قىلىنىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ ياڭ چۈنگۇينىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۆينىڭ رېمونت قىلىنىپ پۈتۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇرسەن بولدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئىزچىل كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلدىم، شاڭجى شەھىرى بۇ قېتىم بىر قەدەر ئېغىر ئاپەتكە ئۇچراپتۇ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنىڭ تېز، ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتقانلىقى، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم ناھايىتى خاتىرجەم بولدى. شەرقىي شىمالدا قىش بالدۇر كېلىدۇ، ۋاقتى ئۇزاق، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، يەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت چىڭ تۇتۇپ پىلانلاپ، ئالدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ - كىچىك ئىشلارنى تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ ئەتراپلىق ئويلىشىپ، ئازراقمۇ يوچۇق قالدۇرماسلىقى كېرەك. زىيانغا ئۇچرىغان ئۆيلەرنى رېمونت قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاپەت سەۋەبىدىن ئۇچرىغان زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ خاتىرجەملىكى، بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى ۋە قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان خادىملار بەس - بەستە چۆرىدىشىپ كېلىپ، باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، باشتىن - ئاخىر كۆپچىلىك بىلەن قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، يۇرتداشلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، تىرىشىپ گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ يەنە خاربىن قۇرۇلۇش داشۆسىگە بېرىپ، مەكتەپنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى ئىگىلىدى، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خاربىن قۇرۇلۇش داشۆسى «خاربىن ھەربىي ئىشلار قۇرۇلۇش شۆيۈەنى»نىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېھتىياجىغا زىچ يېقىنلىشىپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ياش بىر ئەۋلادلار جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرىدىغان بىر ئەۋلادغا ئايلانسا، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈمىدكە تولىدۇ. ياش ئوقۇغۇچىلار پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تەتقىق قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىلىم - پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ياشلىق نۇرىنى جۇلالاندۇرۇشى كېرەك. يەنە بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا بايراملىق بەخت تىلەيمەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، خېيلۇڭجياڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. مەۋقەنى ھازىرقى كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مىقدار ئاشۇرغۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈچ كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتەكلەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بىر تۈركۈم كەسىپ توپى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. كارخانىلارنى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرىدىغان يادرولۇق ۋاسىتە قىلىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئەۋزەل كەسىپ ۋە كەسىپتىكى ئەۋزەل ساھەلەردە قېتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى تۇتاشتۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خېيلۇڭجياڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى ياخشى «تۇراقلاشتۇرغۇچ» بولۇشى كېرەك. زامانىۋىلاشقان چوڭ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك چوڭ بازىسى، چوڭ كارخانىسى، چوڭ كەسپى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن يېزا ئىگىلىكى ماددىي جابدۇقلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، پەن - تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، تىجارەت باشقۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، بايلىقتىن پايدىلىنىشنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. رەقەملىك تېخنىكا ۋە بىيو تېخنىكىنىڭ كۈچ قوشۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدى بىلەن قارا تۇپراقنى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ھەقىقىي تۈردە قارا تۇپراقنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پەن - تېخنىكا يېزا ئىگىلىكى، يېشىل يېزا ئىگىلىكى، سۈپەت يېزا ئىگىلىكى، داڭلىق ماركا يېزا ئىگىلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىلغار، قوللىنىشچان پەن - تېخنىكا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئايلانما ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك تىجارەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كۆلەملەشكەن تىجارەت، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. يېمەكلىك ۋە يەم - خەشەك كەسىپ توپى بەرپا قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يېزىلارنى زامانىۋىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ھازىرلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خاس مەدەنىيەت - ساياھەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. قار - مۇز ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشنى يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتى، قار - مۇز مەدەنىيىتى، قار - مۇز جابدۇقلىرى، قار - مۇز ساياھىتىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بويىچە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئورمان، دەريا، كۆل، سۇلۇق يەر، قار - مۇز قاتارلىقلارنىڭ ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك قىياپىتىنى ياخشى قوغداپ، چېگرا رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاپ، چېگرا ساياھىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يېڭى كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈش، يېڭى ئوبرازنى نامايان قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ شىمالغا ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. سودا، مەبلەغ سېلىش، يول ۋە سۇپا قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاپ، بازار ئىجازىتى، ئامىللارنىڭ يۆتكىلىشى، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە دادىل ئىزدىنىپ، ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مۇھىم قۇرۇقلۇق يولى، دەريا - دېڭىز سۇ يولى، ئېنېرگىيە تۇرۇبا يولى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىياغا ئېچىۋېتىلگەن قاتناش - تىرانسپورت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەركىن سودا سىناق رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قاتارلىق ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، رايون ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئاياغلاشتى، داۋاملىق تۈزىتىش ۋە قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئىزدىنىپ ھاسىل قىلغان ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىقتىن ساقلىنىش قاتارلىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزملارنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى باشلاندى، ھەرقايسى جايلار ئىلمىي پىلانلاش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

لى گەنجيې، خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى، باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 4 - سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.