شى جىنپىڭ قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ رەئىسى سىپوليارىچ بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年09月06日
来源:新疆日报
【字体:


9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ رەئىسى سىپوليارىچ بىلەن كۆرۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ رەئىسى سىپوليارىچ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتى قۇرۇلغان 160 يىلدىن بۇيان خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتە قانات يايدۇرغان مول نەتىجىلىك خىزمەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى ئالقىشلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلدى، بەزىلىرى بىزگە تونۇش، بەزىلىرى يېڭى خىرىس. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، جۇڭگو ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمايدىغان ئىشنى قىلمىدى، بەلكى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى. مەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى تۈزەشنى كۈچەيتىشنى جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلدىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىنسانپەرۋەرلىك ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنى مۇجەسسەملەيدىغان ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇش. جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۆز ئىچىگە ئالغان «كىشىلەرگە مېھرىبان بولۇش»، «ئۆزى خالىمىغاننى باشقىلارغا تاڭماسلىق» قاتارلىق ئىدىيەلەر خەلقئارا قىزىل كىرېست ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان، تۇتاشتۇرۇلغان. جۇڭگو خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ئالدىدا ئۆز دۆلىتى خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداپلا قالماي، تارىختىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان يەرشارىۋى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنىڭ پائال ھىمايە قىلغۇچىسى، قاتناشقۇچىسى ۋە تۆھپە قوشقۇچىسى. جۇڭگو تەرەپ قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتى بىلەن يەنىمۇ زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

سىپوليارىچ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ 49 - نۆۋەتلىك نايدىنگېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، بۇ، قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۈكسەك ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ھۆرمەت قىلدى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش دۇنيا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، يەرشارىۋى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا كۈچ قوشتى. قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتى جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى ئۈچۈن جارى قىلدۇرغان پائال رولى ۋە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق ھالدا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ھەمدە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.