شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

日期:2023年08月27日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

سەي چى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى

8 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى، مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

8 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى، مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 8 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خىزمەت باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

8 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قاتارلىقلار دوكلات بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.

دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى تەلىپى ئىنتايىن ئېنىق، ئاچقۇچلۇقى دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەم ھازىرقى ۋەزىيەتنى پۇختا تۇتۇپ، ھازىر تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقتا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش، ھەم كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باشتىن ـ ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەپ، قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇن قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىقنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك تۈزەش كېرەك. كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ ـ خەتەرنى ئويلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، ئەمەلىي تۇتۇپ، تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇش كېرەك. مەيلى قانۇن ـ نىزام ياكى سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى چىقىرىشتا بولسۇن، ھەممىسىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇش ـ بولماسلىقنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ئويلىشىش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى مائارىپىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى قوللىنىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان زامانىۋى مەدەنىيلىك تەربىيەسى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا پائال سىڭىشىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، نوپۇس ۋە كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى تېز بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، شىنجاڭ يېڭى پۇرسەتكە دۇچ كەلدى، يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك. مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپە يېزىلاردا. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتى سالمىقىنى زورايتىپ، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق كەسىپلەر باغچە رايونلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكى رايونلارنىڭ كەسىپ ھەمكارلىقى، خادىملارنىڭ بېرىش ـ كېلىشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى ئاممىنى ئىچكى رايونلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىچكى رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلىشى، ئولتۇراقلىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنى دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، خىزمەت كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش كېرەك، تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىنىڭ كۈچىنى تولۇقلاش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرقىسىم ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاجىز، چېچىلاڭغۇ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق يېزا ـ كەنتلەرگە 1 ـ شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتىنى تاللاپ ئەۋەتىش تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇشقا خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىپ، شۇ جايدىكى كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە زىددىيىتىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ يول، كۆپ شەكىلدە ياخشى سۆزلەپ، قاراتمىلىق ھالدا تۈرلۈك ساختا ئاممىۋى پىكىر، سەلبىي ئاممىۋى پىكىر، زىيانلىق سۆزلەرگە رەددىيە بېرىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە يۇغۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشتە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. 1 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، 2 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ كادىرلار قوشۇنىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىشى ۋە سىياسەت جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سىياسەتنى ئىگىلەش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كادىرلار قوشۇنىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سىياسىي مەيدانىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. شىنجاڭ بىلەن مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئىچكى رايونلاردىكى كادىرلارنى قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇش، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىش، ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى كۈچەيتىپ، كادىرلار قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپلەشكەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.

ۋاڭ يى، شى تەيفېڭ، لى گەنجيې، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، چېن ۋېنچىڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ ھەم باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 15 ـ يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.