شى جىنپىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

日期:2023年04月17日
来源:天山网
【字体:

4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن لۇلا ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى روسانگېلا بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىخۇاڭ جىڭۋېنفوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرجېڭ مىڭدا) 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ لۇلانىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا شەرقىي ۋە غەربىي يېرىم شاردىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە مۇھىم يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى، ئۆزئارا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار بولۇپ، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك، يەرشارىۋى تەسىرى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە. جۇڭگو تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر بىرازىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنى دىپلوماتىيە جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، يېڭى دەۋر جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى ئېچىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىپ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پائال، مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، بۇ، بىرازىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئىككى تەرەپ دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تۈردە بىر ـ بىرىنى مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتى دەپ قارىشى، قەتئىي تۈردە بىر ـ بىرىنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللىشى، قەتئىي تۈردە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قوللىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھازىر بار بولغان مۇھىم، زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئاۋىياتسىيە ـ ئالەم قاتنىشى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، يېشىل ئىقتىساد، رەقەملىك ئىقتىساد، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك، بىرازىلىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى بىرازىلىيەنىڭ «قايتا سانائەتلەشتۈرۈش» ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ دوستلۇقى، خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ قەتئىي تۈردە لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ تىنچ، مۇقىم، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلىش ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملىشىنى قوللايدۇ، رايوننىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشىنى ھەم خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرىنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ يەنە بىرازىلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو بىلەن جەنۇب تەرەپ ئورتاق بازىرى، جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ياخشى قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيە تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان يەرشارىۋى مەسىلىلەردە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

لۇلا مۇنداق بىلدۈردى: مەن زور كۆلەمدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ 4 ـ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم ۋە ئىپتىخارلاندىم، بۇ، مېنىڭ بۇ قېتىم زۇڭتۇڭ بولغاندىن بۇيان ئامېرىكا قىتئەسى سىرتىدىكى دۆلەتكە تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشىم بولۇپ، بىرازىلىيە تەرەپنىڭ جۇڭگوغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ھەمدە بىرازىلىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. جۇڭگو بۈگۈنكى دۇنيادا سىياسىي، ئىقتىساد ـ سودا، پەن ـ تېخنىكا قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم كۈچ بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا. بىرازىلىيە ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش يەنە بىرازىلىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ئورتاق كۈچلۈك ئارزۇسى، مەن خۇاۋېي شىركىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقىمدىن ھەم جۇڭگو تەرەپنىڭ ئالاقىدار كارخانىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، جۇڭگونىڭ 5G قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە چوڭقۇر قايىل بولدۇم، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بىرازىلىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىش جەھەتتە ھەمكارلىشىپ، بىرازىلىيەنىڭ رەقەملىك تىپ ئۆزگەرتىش ۋە تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشىنى قارشى ئالىمەن. بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، كېڭەيتىشىنىڭ بىرازىلىيەنىڭ «قايتا سانائەتلەشتۈرۈش» مۇساپىسىگە پايدىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىگە، خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىرازىلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى خالايدۇ. بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو نۇرغۇن مۇھىم، زور خەلقئارا مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇشقا ۋە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، ھەر ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپچىللىك ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدايدۇ، بىرازىلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە مۇھىتنى قوغداشتا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئادىل بولمىغان قائىدىلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، تېخىمۇ ئادىل، تەڭپۇڭ بولغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى، بىرازىلىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى مۇقەررەر تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق قارىدى: سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتىكى يولغا قويۇشقا بولىدىغان بىردىنبىر چارە، كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلار رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوللاشقا ئېرىشىشى كېرەك، ئىككى تەرەپ تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رول ئوينىشىنى مۇراجىئەت قىلىپ، بۇ ھەقتە ئالاقىنى ساقلاشنى قارار قىلدى.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سودىغا مەبلەغ سېلىش، رەقەملىك ئىقتىساد، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئۇچۇر ئالاقىسى، نامراتلىقنى ئازايتىش، كارانتىن قىلىش، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرازىلىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا لۇلا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

لۇلا يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو، بىرازىلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمىن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. لۇلا شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بىلەن لۇلانىڭ رەپىقىسى روسانگېلا ھەمراھ بولۇپ قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا لۇلا ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى روسانگېلا ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى، چىن گاڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.