شى جىنپىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

日期:2019年03月20日
来源:天山网
【字体:

3- ئاينىڭ 18- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى باشقۇرۇشتا ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش. پارتىيەمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە تىكلەشتە، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلايدىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يېتىشتۈرۈشى كېرەك. بۇ تۈپ مەسىلىدە، جەزمەن بايراق روشەن بولۇش، قىلچە مۈجمەل بولماسلىق كېرەك

ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلاردا، ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇشتا. ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى تۈگمىنى ياخشى ئېتىشكە يېتەكلىشى كېرەك. بىرىنچى، سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇش كېرەك؛ ئىككىنچى، مۇھەببەتتە چوڭقۇر بولۇش كېرەك؛ ئۈچىنچى، تەپەككۇر يېڭى بولۇش كېرەك؛ تۆتىنچى، نەزەر دائىرە كەڭ بولۇش كېرەك؛ بەشىنچى، تەلەپچان بولۇشتا قاتتىق بولۇش كېرەك؛ ئالتىنچى، پەزىلەتتە دۇرۇس بولۇش كېرەك

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى داشۆ، ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى باشقۇرۇشتا ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش. يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپنىڭ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ مائارىپ باشقۇرۇپ، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت زور ۋەزىپىنى زىممىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا، چىڭخۇا داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پېنسىيەگە چىققان پىروفېسسورى لىن تەي، جۇڭگو خەلق داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ جيەنجۈن، فۇدەن داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئالىي لېكتورى چېن گو، نەنجىڭ ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى شۈ چۈەن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ شۆلى، شىئەن شىڭخۇا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 2- دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ لياڭ، ۋۇخەن شەھەرلىك ئازادلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى ۋۇ يوۋسۈن، خۇادۇڭ سىفەن داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- شۆبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى چېن مىڭچىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، نەزەرىيەۋى تەربىيەنى كۈچەيتىش، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇشىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئوقۇش - ئوقۇتۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى يولباشلىغۇچىسى بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياش - ئۆسمۈرلەر ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى. پارتىيەمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە تىكلەشتە، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلايدىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يېتىشتۈرۈشى كېرەك. بۇ تۈپ مەسىلىدە، جەزمەن بايراق روشەن بولۇش، قىلچە مۈجمەل بولماسلىق كېرەك. بۇ بىزدىن كېيىنكى ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەش، ياخشى يېتىشتۈرۈش، مەكتەپتىن باشلاپ تۇتۇش، بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. داشۆ، ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تەدرىجىي، قەدەممۇقەدەم ھالدا ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى تەسىس قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر، بۇ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق دەرس. ياش - ئۆسمۈرلۈك باسقۇچى كىشىلىك ھاياتتىكى «غول تارتىپ باشاق چىقىرىش مەزگىلى» بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلەش ۋە پەرۋىش قىلىشقا ئەڭ موھتاج. بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپنى باشقۇرۇشتا مەردانىلىك بىلەن ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى تەسىس قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرىشىگە ئاڭلىق سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ رولى تەڭداشسىز. ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنىڭ مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مائارىپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. بىز ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن - ئاخىر ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم پەن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسلىك قۇرۇلۇشىنى تۈپ كاپالەت بىلەن تەمىنلىدۇق. بىزنىڭ كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىز ۋە ئۇنى ئىگىلىشىمىز ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئاچتۇق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچىمىز، نەزەرىيە ئىشەنچىمىز، تۈزۈم ئىشەنچىمىز، مەدەنىيەت ئىشەنچىمىز ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، بۇ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭخۇا مىللىتى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، مول، چوڭقۇر مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈردى، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات جەريانىدا ياراتقان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت ۋە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسلىك قۇرۇلۇشىنى پۇختا، مەزمۇت كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسلىك قۇرۇلۇشىدا ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەنگەن بىر قاتار قانۇنىيەتلىك تونۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسلىك قۇرۇلۇشىدا توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. بۇ ئاساس ۋە شارائىتلار بولغاچقا، ئىشەنچلىك، ھۆرمەتكە سازاۋەر، تايىنىشقا بولىدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، دادىل ئىشلەيدىغان، نەتىجە يارىتىدىغان ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىمىز بولغاچقا، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىنى بارغانسېرى ياخشى باشقۇرۇشقا تولۇق ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز بار.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلاردا، ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇشتا. ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى تۈگمىنى ياخشى ئېتىشكە يېتەكلىشى كېرەك. بىرىنچى، سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇش كېرەك، ئېتىقادلىق كىشىلەرنى ئېتىقادقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، سىياسىي جەھەتتىن مەسىلىلەرگە قاراشقا ماھىر بولىدىغان، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق ئالدىدا سىياسىي سەگەكلىكنى ساقلايدىغان قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، مۇھەببەتتە چوڭقۇر بولۇش كېرەك، ئائىلە دۆلەت مېھىر - مۇھەببىتىنى ساقلاپ، قەلبكە دۆلەت ۋە مىللەتنى پۈكۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە دەۋرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىپ، ئىدىيەنى بېيىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، تەپەككۇر يېڭى بولۇش كېرەك، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمنى ئۆگىنىپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر ئۆگىنىش تەسىراتى بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى توغرا غايە - ئېتىقاد تىكلەشكە، توغرا تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەش كېرەك. تۆتىنچى، نەزەر دائىرە كەڭ بولۇش كېرەك، بىلىم نەزەر دائىرىسى، خەلقئارا نەزەر دائىرىسى، تارىخىي نەزەر دائىرىسى بولۇش، تەسىرلىك، چوڭقۇر، كونكرېت بولغان تىك ۋە توغرا لىنىيەلىك سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بەزى داۋلىلارنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش، ئېنىق سۆزلەش كېرەك. بەشىنچى، تەلەپچان بولۇشتا قاتتىق بولۇش كېرەك، دەرستە ۋە دەرستىن چۈشكەندە بىردەك بولۇش، توردا ۋە تور سىرتىدا بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پائال ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش كېرەك. ئالتىنچى، پەزىلەتتە دۇرۇس بولۇش كېرەك، پەزىلەتلىك بولغاندىلا، جەلپ قىلىش كۈچى بولىدۇ. ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنى ياخشى كۆرگەندىلا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆتكەن دەرسىنى ياخشى ئۆگىنەلەيدۇ. دۇرۇس پەزىلەت بولۇش، ئالىيجاناب پەزىلەت ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش، ھەقىقەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ ۋە ئوقۇغۇچىلارغا چاقىرىق قىلىپ، پۇختا نەزەرىيە ئاساسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئۆگىنىشنىڭ، ئادەم بولۇشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغان ئادەم بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىنىڭ ئىدىيەۋىلىكى، نەزەرىيەۋىلىكى ۋە يېقىنلىقى، قاراتمىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىيۋىلىك بىلەن ئىلمىيلىكنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپلىق ئىلمىي تەھلىل ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب بېرىپ، تەلتۆكۈس ئىدىيەۋى نەزەرىيە ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلىپ، ھەقىقەتنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش كېرەك. قىممەت خاراكتېرى بىلەن بىلىم خاراكتېرىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قىممەت قارىشى يېتەكچىلىكىنى بىلىم ئۆگىتىش جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ئىجابىيلىك بىلەن تەنقىدىيلىكنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدېئولوگىيەسىنى يەتكۈزۈپ، تۈرلۈك خاتا كۆز قاراش ۋە پىكىر ئېقىملىرىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىش كېرەك. نەزەرىيەۋىلىك بىلەن ئەمەلىيەتچانلىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي كىچىك دەرسخانىسىنى جەمئىيەت چوڭ دەرسخانىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. بىردەكلىك بىلەن خىلمۇخىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتۇش نىشانى، دەرس ئورۇنلاشتۇرۇشى، دەرسلىكنىڭ ئىشلىتىلىشى، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىردەك بولۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەم شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ۋاقىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئوقۇتۇش كېرەك. يېتەكچىلىك بىلەن سۇبيېكتلىقنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتۇشى ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتى ۋە قوبۇل قىلىش ئالاھىدىلىكىگە بولغان تەتقىقاتنى زورايتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. سىڭدۈرۈشچانلىق بىلەن قوزغىتىشچانلىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قوزغىتىش خاراكتېرلىك مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەسىلىلەرنى بايقاشقا، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشقا، مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا يېتەكلەپ، ئۈزلۈكسىز قوزغىتىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلۈكىدىن يەكۈن چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئاشكارا تەربىيە بىلەن يوشۇرۇن تەربىيەنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باشقا دەرس ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان ئىدىيەۋى - سىياسىي مائارىپ بايلىقىنى قېزىپ، ئومۇميۈزلۈك، پۈتۈن مۇساپىلىك، ھەر تەرەپلىمە ئادەم تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىك قۇرۇلۇشىنى مۇھىم كۈنتەرتىپ قاتارىغا قويۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسلىك قۇرۇلۇشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەت ۋەزىيىتى، قوشۇن قۇرۇلۇشى، قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك. پارتكوم بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، پۈتۈن جەمئىيەت ماس ھەمكارلىشىدىغان خىزمەت ۋەزىيىتى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرىدىغان، ئوقۇتقۇچىلار ئەستايىدىللىق بىلەن ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىنى ياخشى سۆزلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپ ھالدا ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىنى ياخشى ئۆگىنىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەكتەپ پارتكومى قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن ئىلمىي ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. مەكتەپ پارتكوم شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى باشلامچىلىق بىلەن دەرسخانىغا كىرىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسلىك قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تولۇق سەپلەپ، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، مەخسۇس ۋەزىپىدىكىلەر ئاساس، مەخسۇس ۋەزىپىدىكىلەر بىلەن قوشۇمچە ۋەزىپىدىكىلەر بىرلەشتۈرۈلگەن، سانى يېتەرلىك، ساپاسى يۇقىرى ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى قۇرۇش كېرەك. داشۆ، ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم قۇرۇلۇش سۈپىتىدە بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى قۇرۇلۇشىنىڭ ماھىيەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دەرس سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك دەرسلەر بىلەن ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسخانىسىدا دەرس سۆزلىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ئاكتىپلىق بىلەن مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى سۆزلىشى كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، سۈن چۈنلەن، چېن شى، خۇاڭ كۈنمىڭ، يوۋ چۈەن، خې لىفېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەركەز مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، بىرىنچى سەپتىكى مۇنەۋۋەر ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.