ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 14 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

日期:2021年10月22日
来源:天山网
【字体:

ئومۇمىي يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قۇرۇلتىيىنى 10 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان دوكلاتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، دوكلاتنى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 14 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 14 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: يىغىن مەيدانى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 14 ـ ئومۇمىي يىغىنى 10 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى.

ئومۇمىي يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قۇرۇلتىيىنى 2021 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.

ئومۇمىي يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، بۇ ئىككى دوكلاتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئىسىملىكى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، ياڭ چېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان قاتارلىقلار قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينى ياخشى ئېچىش پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى روھنى ئۇرغۇتۇش، جەڭگىۋارلىققا ئىلھام بېرىش، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، تىرىشىپ ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سەپەرۋەر قىلىشتا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ، 4 ـ، 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دوكلاتنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، سايلامنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، تۈرلۈك ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ياخشى يىغىن ئىستىلى بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنى ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان، كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىدىغان، روھنى ئۇرغۇتىدىغان، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولغان، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەتكە كەلگەن بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي قىلىپ ئېچىش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەستايىدىل ـ پۇختا بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسى بولمىغان ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.