6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ كېچىلىكنى كۆردى

日期:2021年09月03日
来源:天山网
【字体:


8-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە، 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى كېچىلىكنى كۆردى.

سۈرەتتە: كۆرەك باشلىنىش ئالدىدا، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئەدەبىيات-سەنئەت كۆركىگە قاتناشقان ئارتىسلار، خىزمەتچى خادىملار ۋەكىللىرى، تەشكىلىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، 56 مىللەتتىن بولغان مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ناخشا سادالىرى ياڭراپ، بەختلىك تۇرمۇش كۈيلەندى؛ شوق ئۇسسۇلار مەردانىلىكنى نامايان قىلدى. 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى 3000 دەك ئامما بىلەن بىرلىكتە كېچىلىكنى كۆردى.

خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالىدا چىراغلار چاقناپ، ھەممە يەر شادلىققا چۆمگەن ئىدى. سائەت 20 لەرە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار كېچىلىك نەق مەيدانىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. «ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ» ناملىق شادىيانە، قىزغىن ناخشا-ئۇسسۇلدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بولغان چوڭقۇر تىلىكى ئىپادىلىنىپ، باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ «ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش يېڭى مۇساپىسى» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

پۈتكۈل كېچىلىك يېڭى يول ئېچىش، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، «تومۇرداش» ناملىق نومۇر، «قارلىق دالىدىكى ئىللىق قۇياش» ناملىق ئۇسسۇل، «يىللار گويا ناخشىدۇر» ناملىق چاتما ناخشا، «كەنتتىكى بۇلۇت تۇرمۇشى» ناملىق مەنزىرىلىك ناخشا-ئۇسسۇل، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان «نۇرلۇق مەرۋايىت جۇڭخۇانى يورۇتتى» ناملىق ناخشا-ئۇسسۇل، «بەخت شادلىقى» ناملىق ناخشا، «يىراققا سەپەر» ناملىق ئۇسسۇل قاتارلىق ھەر بىر نومۇردا مىللىي ئالاھىدىلىك روشەن، ئىپادىلەش شەكلى كۆپ خىل، دەۋر پۇرىقى قويۇق بولۇپ، كېچىلىكنىڭ كەيپىياتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. پۈتكۈل كېچىلىكتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى قىزغىن مەدھىيەلىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ رەڭدار، مول مەزمۇنى جانلىق نامايان قىلىنىپ، ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ھەيۋەتلىك كارتىنىسى جانلىق سۈرەتلەپ بېرىلدى؛ جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇش، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە مەردانە جاسارىتى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى، پۈتۈن مەيداندا پات-پات قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. ئاخىرىدا، «بۇ بىزنىڭ گۈزەل ماكانىمىز» ناملىق قىزغىن مېلودىيە ۋە ھەر مىللەت ئارتىسلىرىنىڭ شوخ ئۇسسۇلىغا ئەگىشىپ، كېچىلىك ئاخىرلاشتى.

ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئەدەبىيات-سەنئەت كۆركىگە قاتناشقان ئارتىسلار، خىزمەتچى خادىملار ۋەكىللىرى، تەشكىلىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، 56 مىللەتتىن بولغان مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

دىڭ شۆشياڭ، سۈن چۈنلەن، جاڭ يۇشيا، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى، يۇ چۈەن، بەيما چىلىن، شياۋ جيې، ما بياۋ، باتېر ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكىنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان. كۆرەك ۋاقتى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تاللانغان 42 نومۇر مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى ۋە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تور بېكىتىدە قويۇلىدۇ.