​جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2021年09月01日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى​

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

​لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى ۋاڭ ياڭ سۆز قىلدى

8 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ساھەسىدىكى خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. ۋاڭ ياڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى ئاچقانلىقىدۇر. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق ئىدىيەلەرنى تەكىتلەپ، ھەم تومۇرداش بولۇپ، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ئىگىلەش، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلاپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى، بۇنى تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىرىنچى، جەزمەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تارىخىي ئورنىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىككىنچى، جەزمەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دەۋر قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەتئىي ھالدا ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۆتىنچى، جەزمەن توغرا بولغان جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. بەشىنچى، جەزمەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ھالدا ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا، دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يەتتىنچى، جەزمەن مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسەت - پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا مەدەت بېرىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سەككىزىنچى، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى قەلبى قوشۇلغان، مەنىۋى جەھەتتىن بىر - بىرىگە تايىنىدىغان قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى رىشتە شەكىللەندۈرۈش كېرەك. توققۇزىنچى، جەزمەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ غايە، ئېتىقاد، ھېسسىيات، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، قېرىنداشلىق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئونىنچى، جەزمەن مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىشلىرى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئون بىرىنچى، جەزمەن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ئون ئىككىنچى، جەزمەن پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدىكى ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تۈپ مىزانى، پۈتۈن پارتىيە جەزمەن تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە ھەر مىللەت خەلقنى مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولىدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان، ھايات - ماماتتا بىللە بولىدىغان، تەقدىرداش بولىدىغان ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پەقەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم ئىدىيە سېپىلى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئورتاق ياخشى قوغدىغاندىلا، ئاندىن تۈرلۈك ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى، ئاغدۇرمىچىلىقىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى، ئاندىن ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرغىلى، ئاندىن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرغىلى، ياخشى قوغدىغىلى، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پەقەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىگەندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا مىللەتلەر ساھەسىدە يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ، ئاندىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى، ئەبەدىي ئەمىن بولۇشىنى مۇھىم ئىدىيەۋى كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پەقەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىگەندىلا، ئاندىن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنى ئاڭلىق ھالدا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىنىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى، ئۇيۇشۇش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پەقەت دەۋر ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، ئورتاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يۆنىلىشى بويىچە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ئورتاقلىق ۋە پەرقلىقنىڭ دىيالېكتىك بىرلىكى، مىللەت ئامىلى بىلەن رايون ئامىلىنىڭ ئورگانىك بىرىكىشىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى، ئىنچىكە ئىشلىگىلى، پۇختا ئىشلىگىلى بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، توغرا بولغانلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋاقتى ئۆتكەنلىرىنى تەڭشەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئورتاقلىق بىلەن پەرقلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك، ئورتاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەرقلىققە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى سىغدۇرۇش مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بىلەن ھەرقايسى مىللەت ئېڭىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنى باش ئورۇنغا قويۇشقا يېتەكلەش كېرەك، ئۆز مىللەت ئېڭى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىغا بويسۇنۇشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كونكرېت مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، چوڭ خەنزۇچىلىق ۋە يەرلىك مىللەتچىلىكنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا پايدىسىز. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىي غول، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى شاخ ۋە يوپۇرماق، يىلتىز چوڭقۇر، غول كۈچلۈك بولغاندا، ئاندىن شاخ - يوپۇرماقلار بۈك - باراقسان ئۆسەلەيدۇ. ماددىي تەرەپ بىلەن مەنىۋى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك، بارلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتقا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى، بىرلىكنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى مۇستەھكەم، يىمىرىلمەس قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ «تۇتقا»سى، بارلىق خىزمەتلەر مۇشۇنىڭغا مەركەزلىشىشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق مىللەتلەر خىزمىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىدىيەۋى قاراش، مەنىۋى قىزىقىش، تۇرمۇش شەكلى جەھەتتە زامانىۋىلىشىشقا قاراپ قەدەم تاشلاشقا يېتەكلەش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى ئىلمىي قوغداپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىشكە ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ھالدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. رايونلارنى پەرقلىق قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر رايونلىرى مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات شارائىتى، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىك قاتارلىق ئەمەلىيەتكە قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كىرىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىشى كېرەك. مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللاپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىشى، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا رايونلارنى مۇستەھكەملەش، چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى تولۇق ئويلىشىپ، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرمىسى يىرىك پىلانى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىنى تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىياسەت تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىت كەيپىياتى يارىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىچكى خاس مەزمۇننى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شەكىلنى بېيىتىش، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىق - تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئۇنى كادىرلار تەربىيەسى، پارتىيە ئەزالىرى تەربىيەسى، دۆلەت پۇقراسى تەربىيەسى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، جەمئىيەت تەشۋىق - تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مىللەتلەر ئىشلىرى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان مىللەتنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، باراۋەر، ئادىل بولۇشنى پىرىنسىپ قىلىپ، رايونلاشتۇرۇش ۋە دەل جايىدا بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن رايون، ئالاھىدە مەسىلە، ئالاھىدە ئىشلارغا تېخىمۇ كۆپ قارىتىلغان رايونلارنى پەرقلىق قوللاش سىياسىتىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش كېرەك. قانۇن بويىچە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەت ئامىلىغا چېتىلىدىغان دېلو، ۋەقەلەرنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىدېئولوگىيە بازىسىنى چىڭ ساقلاپ، مىللەت ئامىلىغا چېتىلىدىغان ئىدېئولوگىيە مەسىلىلىرىنى پائال، پۇختا، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى سىجىل تازىلاش كېرەك. خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق دۆلەت ۋە رايون، خەلقئارا تەشكىلات، مەملىكەت سىرتىدىكى ئاز سانلىق مىللەت خۇاچياۋ - خۇارېنلار توپى قاتارلىقلارغا ئائىت خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ سىياسىي كاپالىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان، بىرلىك سەپ تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن ماسلاشتۇرىدىغان، مىللەتلەر خىزمىتى تارماقلىرى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ھەرقايسى تارماقلار بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىدىغان، پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر خىزمىتى ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر خىزمىتى كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتا پوزىتسىيەسى ئالاھىدە كەسكىن، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەقنى ئېنىق ئايرىشتا مەيدانى ئالاھىدە روشەن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە ھەرىكىتى ئالاھىدە قەتئىي، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈشتە مېھىر - مۇھەببىتى ئالاھىدە سەمىمىي بولغان مىللەتلەر رايونى كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ھوقۇقىنىڭ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلارنىڭ قولىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شارائىتى جاپالىق رايونلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان بىرىنچى سەپتىكى كادىرلارغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئاسراپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ياخشى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالالايدىغان مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا تولۇق ئىشىنىش، مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇش كېرەك. مىللەتلەر رايونىنىڭ ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئاساسىي قاتلامدا چۈشىنىدىغان ئادەم بولۇش، مىللەتلەر خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلامدا تۇتىدىغان ئادەم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ 100 يىللىق شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈپ، ھازىر پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ بەردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، بۇ سۆز ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ئىگە بولۇپ، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدىكى مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆز جايى، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

ۋاڭ ياڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىدە قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، بۇ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ئەمەلىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى يەكۈنى، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ مىزانى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن چىقىش قىلىپ، ھازىرقى باسقۇچتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە مۇھىم بۇرچىنى ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى، پەۋقۇلئاددە مۇھىملىقى ۋە رېئال قاراتمىلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۇنى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شەكلى كۆپ خىل بولغان ئۆگىنىش، تەربىيەلەش ۋە تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش پىكرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ۋە مىللەتلەر خىزمىتىگە مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى، ئالاقىدار تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.