شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەر رەھبەرلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

日期:2021年07月08日
来源:天山网
【字体:

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەر رەھبەرلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەر رەھبەرلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 6-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدا سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەر رەھبەرلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق ھالدا خەلققە بەخت يارىتايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى، سىياسىي پارتىيەلەر ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، توغرا بولغان ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى چىڭ كۆزلەپ، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىنسانىيەتنى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، باشتىن-ئاخىر ئېغىشماي دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇشنى خالايدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەر رەھبەرلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا «خەلققە بەخت يارىتىش: سىياسىي پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى» باش تېما قىلىندى. باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىغا تەسىس قىلىندى. ئالتۇن رەڭلىك زالدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقى بىلەن يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەل سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ پارتىيە بايراقلىرى ئۆزئارا نۇر چېچىپ، ھەيۋەتلىك پارتىيە بايرىقى بايراق سېپىنى نامايان قىلدى. يىغىن مەيدانىغا غايەت زور بەش ئېكران ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلەر رەھبەرلىرىنىڭ «بۇلۇت تېرمىنالى»دا ئورتاق جەم بولۇش، ئۇلۇغۋار پىلان ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش، كەلگۈسى توغرىسىدا ئورتاق سۆھبەتلىشىش جانلىق مەنزىرىسى تولۇق نامايان قىلىندى.

شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۇدا كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋېلىشىغا تۈرتكە بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقى بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى تەقدىرداش بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا چوڭ ۋەزىيىتى ۋە دەۋر ئېقىمىدا جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي پەيتكە يەنە بىر قېتىم دۇچ كەلدى، تاللاش بىزنىڭ قولىمىزدا، مەسئۇلىيەت بىزنىڭ زىممىمىزدە. ئورتاق خىرىس ئالدىدا، ئىنسانىيەتنىڭ پەقەت بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق ھەمكارلىشىپ ئورتاق ياشاشتىن ئىبارەت بۇ بىرلا چىقىش يولى بار. سىياسىي پارتىيەلەر ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، توغرا يۆنىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

بىرىنچى، بىز يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق كەلگۈسىنى ئىگىلىشىمىز ۋە يارىتىشىمىز كېرەك. بۈيۈك دەۋر بۈيۈك ئەندىزىگە ئېھتىياجلىق، بۈيۈك ئەندىزە كەڭ قورساق بولۇشقا چاقىرىق قىلماقتا. بىز خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۆز دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

ئىككىنچى، بىز ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىدە چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. بىز ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىگە ئاساسەن، كەڭ قورساقلىق بىلەن ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ قىممەت ئىچكى خاس مەزمۇنىغا بولغان تونۇشىنى چۈشىنىپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قىممەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشىگە ھۆرمەت قىلىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئورتاق قىممىتىنى ئۆز دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

ئۈچىنچى، بىز تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئىنسانىيەتنىڭ بەختكە ئىنتىلىش يولىدا، بىر دۆلەت، بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. دۇنيادىكى بارلىق دۆلەت، بارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى باراۋەر تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى ۋە ھوقۇق-مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك. باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا زىيان يەتكۈزۈش ئارقىلىق تەھدىت سالىدىغان ھەرقانداق سىياسىي نەيرەڭۋازلىقنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، شۇنداقلا ئاخىرىدا ھامان بىھۇدە ئاۋارە بولغانلىق بولىدۇ!

تۆتىنچى، بىز ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يەر شارىۋى خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. بىز ئىلمىي تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىمىز؛ ھەمكارلىق ئارقىلىق خەۋپسىزلىكنى كۆزلەپ، مۇقىملىقنى كۆزلەپ، خەۋپسىزلىك «قاشا»سىنى ئورتاق ياخشى ياسىشىمىز؛ تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە ئۇيغۇنلىشىش، تەبىئەتنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل يۇرت-ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز؛ مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈش يولىنى ئورتاق پىلانلىشىمىز كېرەك.

بەشىنچى، بىز ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، خەلققە بەخت يارىتىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بەختكە تۇتىشىدىغان يول ئوخشاش ئەمەس، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆز تەرەققىيات يولى ۋە تۈزۈم ئەندىزىسىنى تاللاش ھوقۇقى بار، بۇ، ئەسلىدىنلا خەلق بەختىدە بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇندۇر. بىر دۆلەتنىڭ دېموكراتىك ياكى دېموكراتىك ئەمەسلىكىگە شۇ دۆلەتنىڭ خەلقى باھا بېرىدۇ، ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس! بىز ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قەتئىي ئېغىشماس كۈرەش نىشانى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىن ئىبارەت چوڭقۇر تېمىنى بىپايان زامان-ماكان دائىرىسىدىن ئويلىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدۇ.

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشىگە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تېپىپ چىقتى. بىز قەتئىي تەۋرەنمەي بۇ پارلاق داغدام يولنى بويلاپ مېڭىپ، ھەم ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، ھەم دۇنياغا بەخت يارىتىمىز.

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي پارتىيەلىرى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق ھالدا يەر شارىۋى ئۆزئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت، تېخىمۇ كۆپ خەلقنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرىدۇ.

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چوڭ دۆلەتتىكى، چوڭ پارتىيەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ. نامراتلىقنى تۈگىتىش ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي پارتىيەلىرى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇھىم نىشان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش مۇساپىسى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو لايىھەسى ۋە جۇڭگو كۈچىنى تەقدىم قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ ھەم يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ. خەلقئارا قائىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان قائىدە بولۇشى، ئۇنى ئاز سانلىق كىشىلەر بېكىتمەسلىكى كېرەك. بىز كۆپ تەرەپچىللىك نامى بىلەن بىر تەرەپچىللىكنى يولغا قويىدىغان تۈرلۈك قىلمىشلارغا ئورتاق قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈشكە قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچ چىقىرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى داۋاملىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي پارتىيەلىرى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ!

جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ رامافوسا، قازاقىستان «نۇر ۋەتەن» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، تۇنجى زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ، رۇسىيەدىكى بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مېدۋېدېۋ، ئارگېنتىنا ھەققانىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ فېرناندېس، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ، كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى دىئاز كانېل، فىلىپپىن دېموكراتىك خەلق كۈچى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ دۇتېرت، كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، باش ۋەزىر خۇڭسېن، زىمبابۋې ئافرىقا مىللىي ئىتتىپاقى-ۋەتەنپەرۋەرلىك سېپىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە 1-شۇجى، زۇڭتۇڭ منانگاگۋا، پەلەستىن فاتاخنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ ئابباس، سېربىيە ئالغا پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ ۋۇچىچى، پاكىستان ھەققانىيەتچىلەر ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭلى ئىمران خان، موزامبىك ئازادلىق سېپى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ نيۇكشى، نامىبىيە خەلق تەشكىلاتى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ گېيىنگوب، كونگو ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، كونگو (بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ، سىرى لانكا خەلق سېپى پارتىيەسىنىڭ داھىيسى، زۇڭلى ماھىندا راجاپاكسا، بولىۋىيە سوتسىيالىزمنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى، سابىق زۇڭتۇڭ مورالېس، ماراكەش ئادىللىق ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، باش ۋەزىر ئوسمانى، جەنۇبىي سۇدان سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ كىر، سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ خەلقئارا رەئىسى پاپاندرېئو، ئىسپانىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سېنتېللا قاتارلىقلار باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق ئاجايىپ مۇساپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرىنى قىزغىن تەرىپلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويغان سىياسەت تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ خەلققە بەخت يارىتىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە، تېخىمۇ گۈزەل، بەختلىك دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرىدىن دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، چېن شى، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

160 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق سىياسىي پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى، 10 مىڭدىن ئارتۇق سىياسىي پارتىيە ۋە ھەر ساھە ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. 100دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ سىياسىي پارتىيەسى ئۆز دۆلىتىدە 200گە يېقىن كوللېكتىپ يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىپ، ئۆز پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرىنى بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا كوللېكتىپ قاتنىشىشقا تەشكىللىدى. شاڭخەي، شەنشى يەنئەن، گۇاڭدۇڭ شېنجېن، فۇجيەن نىڭدې، جېجياڭ ئەنجى قاتارلىق جايلاردا دۆلەت ئىچى شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىنىپ، شۇ جايدىكى قىسمەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەنتەنىلىك ئېچىلىش ئەھۋالىنى ماس قەدەمدە كۆردى. باشلىقلار يىغىنىدا ئورتاق تەشەببۇس ئېلان قىلىنىپ، يىغىنغا قاتناشقان سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى قوغداش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاق ئارزۇسى ئىپادىلەندى.