جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى «ئۇلۇغ مۇساپە» بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

日期:2021年06月30日
来源:天山网
【字体:

​شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ئويۇننى كۆرۈشكە قاتناشتى

6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كەچتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى «ئۇلۇغ مۇساپە» دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كەچتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى «ئۇلۇغ مۇساپە» دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تەخمىنەن 20 مىڭ كۆرگۈچى بىلەن بىرلىكتە ئويۇننى كۆردى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي قايتا سەپەرگە ئاتلىنىش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى «ئۇلۇغ مۇساپە» 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كەچتە دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تەخمىنەن 20 مىڭ كۆرگۈچى بىلەن بىرلىكتە ئويۇننى كۆرۈپ، ئورتاق ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيانقى ھەيۋەتلىك شانلىق مۇساپىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ئورتاق ھالدا ئۇلۇغ پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

تۈن پەردىسى ئاستىدىكى ئولىمپىك مەركىزىي رايونى كۆزنى چاقنىتىدىغان رەڭدار تۈسكە كىرگەن بولۇپ، ئىنتايىن كۆركەم، ھەيۋەتلىك تۈس ئالغانىدى، خۇشاللىققا سىمۋول قىلىنغان جۇڭگو تۈگۈچى شەكلىدىكى بېزەك چىراغلار، كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان تەبرىكلەش پائالىيىتى بەلگىسى، رەڭگارەڭ ئەجدىھا شەكىللىك گۈل تۈۋرۈكلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە بولغان قۇتلۇق تىلەكلەرنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. ئالتۇندەك جۇلالىنىپ تۇرغان دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانى «نياۋچاۋ» بىلەن قېنىق كۆك رەڭلىك دۆلەت سۇ ئۈزۈش مەركىزى «شۈيلىفاڭ» بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى.

دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئىچىدە، چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى. مەركىزىي سەھنىدىكى غايەت زور ئېكراندا، ئالتۇن رەڭلىك پارتىيە گېربى قىپقىزىل پەردە ئۈستىدە تېخىمۇ روشەن نۇرلىنىپ تۇراتتى، ئىككى تەرىپىگە ئايرىم - ئايرىم «1921» ۋە «2021» دېگەن ئالتۇن رەڭلىك سانلار يېزىلغانىدى. سەھنىنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىدە، 100 نەپەر ھۆرمەت كانايچىسى قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇراتتى، ئىككى تەرەپتىكى ئايلانما دېكىراتسىيە ئىچىدە، جەڭچىلەرنىڭ كوللېكتىپ ئوبرازى زەبەردەس كۆرۈنەتتى. جەسۇرانە، قامەتلىك ياشلار قىزىل گۈلدەستە كۆتۈرۈپ، سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توپلانغانىدى.

سائەت 19دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار رەئىس سەھنىسىگە كېلىپ، كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن چاۋاك ۋە ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

جۇشقۇن، چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان ناخشا ساداسىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، رەڭدار ساليۇتلار ئېتىلىپ دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا «100» دېگەن يىلنامە شەكلىنى چىقاردى. سەھنىدە، ئۇچقۇنلار بىر يەرگە يىغىلىپ پارتىيە گېربى نۇسخىسىنى شەكىللەندۈردى، ئويۇننىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

ئويۇن چوڭ تىپتىكى كۆرۈنۈشلۈك داستان شەكلىدە نامايان قىلىندى، ئۇ جەمئىي تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، كۆپ خىل سەنئەت ۋاسىتىلىرى ئۇنىۋېرسال قوللىنىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلدىن بۇيان جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بارغانلىقىدەك ھەيۋەتلىك، گۈزەل يۆگىمە رەسىمى جانلىق نامايان قىلىندى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە مەردانە قەدەم تاشلىغانلىقى قىزغىن مەدھىيەلەندى.

«بۇ سىياسىي پارتىيە چوقۇم جۇڭگونى يورۇقلۇققا يېتەكلەپ، جۇڭگولۇقلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىدۇ...» «تاڭ يورۇغاندا» ناملىق تىياتىر ۋە ئۇسسۇلدا يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتنى يەتكۈچە تارتقانلىقى، سانسىزلىغان ئىرادىلىك زاتلارنىڭ ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، دۆلەتنى قۇتقۇزۇش، خەلقنى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكى، 1921 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كېلىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ يېپيېڭى قىياپەتكە كىرگەنلىكى قايتا نامايان قىلىندى. 1 - بۆلەك «ئوت ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەش»تە، كۆرۈنۈشلۈك ئۇسسۇل «قوزغىلايلى، قوزغىلايلى»، ناخشا - ئۇسسۇل «تۇپراق»، تىياتىر ۋە ئۇسسۇل «ئۇزۇن سەپەر»، كۆرۈنۈشلۈك خور «غەزەپلىك ھۆركىرە خۇاڭخې»، خور ۋە ئۇسسۇل «ئالغا، ئالغا، ئالغا» قاتارلىق نومۇرلار ئارقىلىق، بۈيۈك ئىنقىلابنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى ئىچىدە، خەۋپ - خەتەرلىك ئۇزۇن سەپەردە، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا، ئازادلىق ئۇرۇشىدىكى جەڭگاھلاردا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، پولاتتەك تاۋلىنىشتەك ئۇلۇغ مۇساپىسىنى جانلىق نامايان قىلدى.

بىر كونا دۇنيانى بۇزۇپ تاشلىغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى يېڭى دۇنيا قۇرالامدۇ؟ 2 - بۆلەك «بوران - چاپقۇنغا باش ئەگمەسلىك»تە ئۇسسۇل «دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى» بىلەن باشلىنىپ، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش يىللىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. قۇلاقنى يارغۇدەك توپ ئاۋازى ئىچىدە، كۆرۈنۈشلۈك خور ۋە ئۇسسۇل «جەڭ بايرىقى خۇددى رەسىمدەك گۈزەل»دە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش شىددەتلىك جېڭىدىكى كۆرۈنۈشلەر نامايان قىلىنىپ، پىدائىي قىسىم جەڭچىلىرىنىڭ ۋەتەننى قوغداشتىكى ئوتتەك قىزغىن ھېسسىياتى مەدھىيەلەندى. جەسۇرانە ئېيتىلغان ناخشا ساداسى ئىچىدە، ئەلنەغمە ۋە ئۇسسۇل «قايناق ھېسسىياتقا تولغان يىللار»دا ۋاڭ جىنشى، شى لەيخې، لېي فېڭ، چيەن شۆسىن، جياۋ يۈلۇ قاتارلىق بىر تۈركۈم ئاۋانگارت نەمۇنىچىلارنىڭ كۈرەش قىلغان كوللېكتىپ ئوبرازى جانلىق سۈرەتلەپ بېرىلدى.

جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ ئورنىدىن دەس تۇرغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى بېيىشقا يېتەكلىيەلەمدۇ؟ پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك جاۋابىنى بەردى. 3 - بۆلەك «شىددەتلىك ئېقىندا باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەش»تە، «باھار دولقۇنى مەۋج ئۇرۇش» ناملىق ئۇسسۇل باھار ھېكايىسىنى ئۈمىد ئېتىزىغا يايدى، ناخشا - ئۇسسۇل «ئالاھىدە رايون ئەركىن تەسەۋۋۇر كۈيى» ئالاھىدە رايوننىڭ «ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش»تەك دەۋر تومۇرىنى چەكتى، كۆرۈنۈشلۈك خور ۋە ئۇسسۇل «قايتىپ كېلىش پەيتى»دە شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكى تەبرىكلەندى، شېئىر دېكلاماتسىيەسى ۋە خور «ھالقىش»تا غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش، غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش، شىمالنىڭ كۆمۈرىنى جەنۇبقا توشۇش قاتارلىق مۇھىم، زور دۆلەت قۇرۇلۇشلىرى مەدھىيەلەندى. كۆرۈنۈشلۈك ئۇسسۇل «پارتىيە بايرىقى قەلبىمدە»دە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، «سارس»قا تاقابىل تۇرۇش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئىپادىلەندى. خور ۋە ئۇسسۇل «ئىلگىرىلەۋاتقان مەشئەل»دە كىشىلەرگە بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى، «شېنجوۋ 7 - نومۇرلۇق» ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى قاتارلىق كىشىنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان تارىخىي مەنزىرىلەرنى قايتا ئەسلەتتى.

4 - بۆلەك «پارلاق ئىستىقبال»دا يېڭى دەۋرنىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشى نامايان قىلىندى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغانلىقى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. دىراما ۋە ناخشا - ئۇسسۇل «شەرقتىكى مۆجىزە»دە مىننىڭ بازىرى، شىبادۇڭ كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھېكايىسى بايان قىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنى يېتەكلەپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئۇلۇغ غەلىبىسى جاكارلاندى. كۆرۈنۈشلۈك سىمفونىيەلىك ناخشا - ئۇسسۇل «خەلق ھەممىدىن ئەلا»دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەت سەپەرۋەر قىلىنىپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىر نىيەتتە ئېلىپ بارغان ئومۇمىي خەلق «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش ئۇرۇشى قايتا نامايان قىلىندى. كۆرۈنۈشلۈك ناخشا - ئۇسسۇل «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش جەڭ ناخشىسى»دا كۆپ خىل ئارمىيە تۈرلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرى خاتىرە ئويۇنى ئارقىلىق، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلق ئارمىيەسىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن جەسۇرانە قىياپىتى نامايان قىلىندى. شېئىر دېكلاماتسىيەسى ۋە ئومۇمىي خور «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كۈچى»دە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كۈنسېرى قۇدرەت تېپىۋاتقان جۇڭگو كۈچى نامايان قىلىندى. داپ - دۇمباق بىلەن ئورۇنلانغان ناخشا - ئۇسسۇل «يېڭى زېمىن»دا دىيامېتىرى ئون مېتىر كېلىدىغان غايەت چوڭ دۇمباق ۋە 100 دۇمباقنىڭ ئاۋازى بوشلۇقتا ياڭرىدى، 100 كانايچى بۇرغا چالدى، ھەيۋەتلىك، يېپيېڭى كۆرۈنۈش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل يۆگىمە رەسىمى نامايان قىلىنىپ، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان غايەت زور تارىخىي ئۆزگىرىش تەسۋىرلىنىپ، جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىشەنچ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە چاقىرىق قىلدى. مۇزىكا، بالىلار خورى ۋە ئۇسسۇل «تەقدىرداش بولۇش»تا «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش»نىڭ پۈتۈن دۇنيادا ياڭراتقان قەلب ساداسى نامايان قىلىندى.

«يول باشلاش! ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى!» باش تېمىلىق ناخشا «يول باشلاش»نىڭ مېلودىيەسىگە ئەگىشىپ، ئېگىزلىكى 16 مېتىر كېلىدىغان ئالتۇن رەڭلىك پارتىيە گېربى ھەيۋەت بىلەن كۆتۈرۈلۈپ، ئەتراپقا نۇر چاچتى. ناخشا ساداسى، ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئون چوڭ غايەت زور قىزىل بايراق چىقىرىلىپ، شامالدا جەۋلان قىلدى. «مەيلى قانچىلىك يىراق بولسۇن، سەن بىزنىڭ يېنىمىزدا، ئېتىقادىمىز مەڭگۈلۈك، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايمىز. خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، بۇ سېنىڭ بۇرچۇڭ، مەسئۇلىيىتىڭنى پۈتكەن... » نۇرلۇق ساليۇتلار كېچە ئاسمىنىنى يەنە بىر قېتىم يورۇتۇپ، ئويۇن كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى.

ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى ئاخىرلاشقاندا، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» دېگەن ناخشىنى ئورتاق ئېيتتى، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە توختىمىدى.

ئويۇن كۆرۈشكە قاتناشقانلاردىن يەنە دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، خۇ چۇنخۇا، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، لى رۇيخۇەن، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۇەنجېڭ، لى چاڭچۇن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى، يوۋ چۈەن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ ۋە ۋاڭ لېچۈەن، ۋاڭ جاۋگو، خۇي لياڭيۈ، ليۇ چى، ۋۇ يى، ساۋ گاڭچۇەن، ليۇ يەندۇڭ، لى يۈەنچاۋ، ما كەي، لى جيەنگو، فەن چاڭلۇڭ، مېڭ جيەنجۇ، گو جىنلۇڭ، خې يۇڭ، دۇ چىڭلىن، جاۋ خۇڭجۇ، گۇ شيۇليەن، رې دى، ئۇيۈنچىمۇگې، چېن جىلى، جوۋ تيېنۇڭ، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، جاڭ پىڭ، شياڭبا پىڭسو، چاڭ ۋەنچۈەن، جيا چۇنۋاڭ، ۋاڭ جۇڭيۈ، جاڭ خۇەيشى، لى مېڭ، بەي لىچېن، چېن كۇييۈەن، ئابلەت ئابدۇرېشىت، لى جاۋجو، خۇاڭ مېڭفۇ، جاڭ مېييىڭ، جاڭ رۇڭمىڭ، چيەن يۈنلۇ، سۈن جياجېڭ، لى جىنخۇا، جېڭ ۋەنتۇڭ، ۋاڭ جىجېن، خەن چىدې، لو فۇخې، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، جوۋ شياۋچۈەن، ۋاڭ جيارۇي، چى شۈچۇن، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن، ھەمدە لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن ۋە چېن بىڭدې، لى جىنەي، چياۋ چىڭچېن، جىڭ جىيۈەن، جاۋ كېشى، ۋۇ شېڭلى، ما شياۋتيەن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىن جېڭ يۆئې، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ بار.

بېيجىڭدىكى مەركەز پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى مەركەز باشقۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، بېيجىڭدىكى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىجرائىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ تۆھپە مېدالى» «مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەمۇنىچىسى» دېگەن شەرەپلىك نام، «دۆلەت ئالىي پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى»، «ئالەم قاتنىشى قەھرىمانى»، «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» نامىغا ئېرىشكۈچىلەر، مەملىكەتلىك ئىلغار نەمۇنىچى شەخسلەر ۋەكىللىرى، 11 - ئەۋلاد بەنچەن ئېردېنى چۆجىجيېبۇ، مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، بېيجىڭدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى ۋە جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى، ۋاپات بولغان قىسمەن پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلار ھەم خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان خادىملارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكىگە ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، 2021 - يىلى يېڭىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى، مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق نەپىقە بېرىلىدىغان ئوبيېكتلار، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ كوماندىر - جەڭچىلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئويۇننى كۆردى.

خەلقئارادىكى مۇھىم دوستلار، بېيجىڭدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ تەكلىپكە بىنائەن ئويۇننى كۆردى.