شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ تىپتىكى ئاساسىي جەڭ پاراخوتىنى مەركەزلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش، سەپكە كىرگۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى

日期:2021年04月25日
来源:天山网
【字体:

4-ئاينىڭ 23-كۈنى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ تىپتىكى ئاساسىي جەڭ پاراخوتى − چاڭجېڭ 18 ناملىق پاراخوت، داليەن ناملىق پاراخوت، خەينەن ناملىق پاراخوت خەينەن سەنيادىكى مەلۇم ھەربىي پورتتا مەركەزلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، ئۆتكۈزۈۋېلىندى، سەپكە كىرگۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش، سەپكە كىرگۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم پاراخوتقا چىقىپ كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ چاڭجېڭ 18 ناملىق پاراخوتقا ھەربىي بايراق، نام بېرىش گۇۋاھنامىسى بەرمەكتە.

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 23-كۈنى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ تىپتىكى ئاساسىي جەڭ پاراخوتى − چاڭجېڭ 18 ناملىق پاراخوت، داليەن ناملىق پاراخوت، خەينەن ناملىق پاراخوت خەينەن سەنيادىكى مەلۇم ھەربىي پورتتا مەركەزلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، ئۆتكۈزۈۋېلىندى، سەپكە كىرگۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش، سەپكە كىرگۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم پاراخوتقا چىقىپ كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ داليەن ناملىق پاراخوتقا ھەربىي بايراق، نام بېرىش گۇۋاھنامىسى بەرمەكتە.

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سەنيا، 4-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى شۈەنلياڭ) دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ تىپتىكى ئاساسىي جەڭ پاراخوتى - چاڭجېڭ 18 ناملىق پاراخوت، داليەن ناملىق پاراخوت، خەينەن ناملىق پاراخوت 4-ئاينىڭ 23-كۈنى خەينەن سەنيادىكى مەلۇم ھەربىي پورتتا مەركەزلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، ئۆتكۈزۈۋېلىندى، سەپكە كىرگۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش، سەپكە كىرگۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

4-ئايدىكى سەنيادا، ھاۋا ئوچۇق، دېڭىز سۈيى سۈزۈك بولۇپ، ھاۋا ئىللىق، سەلكىن شامال ئۇرۇپ تۇراتتى. ھەربىي پورت ئىچىدە، ئۈچ تىپتىكى ئاساسىي جەڭ پاراخوتى رەتلىك تىزىلىپ تۇراتتى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قائىدىسى بويىچە لىق بايراق ئېسىلغانىدى، دېڭىز ئارمىيە قىسمى ۋە پاراخوت پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 2400 كىشى پورتتا رەتلىك تىزىلىپ تۇراتتى، كەيپىيات داغدۇغىلىق، قىزغىن ئىدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش، سەپكە كىرگۈزۈش مۇراسىمى باشلاندى، پۈتۈن مەيداندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى ئۈنلۈك ئېيتىلدى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا-ئاستا چىقىرىلدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى «1-ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىقى، نام بېرىش گۇۋاھنامىسىنى قوغداپ، ھۆرمەت قەدەم بىلەن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ «1-ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىقى، نام بېرىش گۇۋاھنامىسىنى ئايرىم-ئايرىم چاڭجېڭ 18 ناملىق پاراخوتنىڭ پاراخوت باشلىقى، جېڭۋېيسى، داليەن ناملىق پاراخوتنىڭ پاراخوت باشلىقى، جېڭۋېيسى، خەينەن ناملىق پاراخوتنىڭ پاراخوت باشلىقى، جېڭۋېيسىغا بەردى. ئۈچ تىپتىكى پاراخوتنىڭ پاراخوت باشلىقلىرى، جېڭۋېيلىرى شى جىنپىڭغا چاس بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ قولىدىن «1-ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىقى، نام بېرىش گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

جاڭ يوۋشيا مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى، شۈ چىلياڭ پاراخوتنىڭ سەپكە كىرگۈزۈلگەنلىكى ۋە پاراخوت نامى، نومۇرىنى ئېلان قىلدى. دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې ھەمدە لى زوچېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى.

جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لېي فەنپېي، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جېڭۋېيسى چېن شېڭشياڭ مۇراسىمدا ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلدى.

ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش، سەپكە كىرگۈزۈش مۇراسىمى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە مارشى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭىدىن سەپكە كىرگۈزۈلگەن پاراخوتقا چىقىپ، پاراخوت ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئالاقىدار قورال-جابدۇقلارنى تەكشۈرۈپ كۆردى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەم قاتناش-توختاش كۈندىلىك خاتىرىسىگە ئەستايىدىل ئىمزا قويدى.

پائالىيەت مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ پىرىستاندا پاراخوت پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش خادىملىرى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى قىسمىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، ئۆتكۈزۈۋېلىنغان، سەپكە كىرگۈزۈلگەن ئۈچ تىپتىكى ئاساسىي جەڭ پاراخوتىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ چاڭجېڭ 18 ناملىق پاراخوتى، نومۇرى 421، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ داليەن ناملىق پاراخوتى، نومۇرى 105، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ خەينەن ناملىق پاراخوتى، نومۇرى 31، دەپ نام بېرىلدى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، دېڭىز ئارمىيەسى، خەينەن ئۆلكىسى ھەمدە پاراخوت پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش، سەپكە كىرگۈزۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.