شى جىنپىڭ رەھبەرلەر كىلىمات ئالىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

日期:2021年04月24日
来源:天山网
【字体:

يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق، ئەمما پەرقلىق مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى

4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كەچتە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېننىڭ تەكلىپى بويىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە رەھبەرلەر كىلىمات ئالىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كەچتە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېننىڭ تەكلىپى بويىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە رەھبەرلەر كىلىمات ئالىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېننىڭ تەكلىپى بويىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كەچتە بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە رەھبەرلەر كىلىمات ئالىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا كەسكىن خىرىس ئېلىپ كەلدى. يەر شارىۋى مۇھىتنى تۈزەشتىكى مىسلىسىز قىيىنچىلىق ئالدىدا، خەلقئارا جەمئىيەت مىسلىسىز يۈكسەك ئىرادە ۋە ھەرىكەت بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش يولىنى ئورتاق پىلانلاپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، بىر نىيەتتە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك.

بىرىنچى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىنسانلار تەبىئەتنى يىلتىز قىلىپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىشى، تەبىئەتكە ماسلىشىشى، تەبىئەتنى قوغدىشى كېرەك. تەبىئەت ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىنى قوغدىغاندەك قوغداپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان يېڭى ئەندىزىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئىككىنچى، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقتۇر. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزىدىغان، ھەتتا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىدىن ۋاز كېچىپ، مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بىر مەزگىللىك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرىدىغان تار نەزەر دائىرىلىك ئۇسۇلنى چۆرۈپ تاشلاش كېرەك. ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يەر شارىۋى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ تىرىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇم ئايرىلماس ئېكولوگىيە سىستېمىسى. ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى بويىچە، تەبىئىي ئېكولوگىيەنىڭ ھەرقايسى ئامىللىرىنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، شۇ ئارقىلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئايلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئېكولوگىيە تەڭپۇڭلۇقىنى قوغداش نىشانىغا يېتىش كېرەك.

تۆتىنچى، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مۇھىت قوغداش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش، نامراتلىقنى تۈگىتىشتە ھەمكارلىشىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش جەريانىدا تىرىشىپ جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

بەشىنچى، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلقئارا قانۇننى ئاساس، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئاساسىي مەقسەت، ئۈنۈملۈك ھەرىكەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» ھەم ئۇنىڭ «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ نىشانى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپ كىلىمات تۈزەش مۇساپىسىگە قايتىپ كېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئامېرىكا تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، يەر شارىۋى مۇھىت تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىدۇ.

ئالتىنچى، ئورتاق، ئەمما پەرقلىق مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا ئېتىبار بېرىش كېرەك. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تېخىمۇ زور يۈكسەك ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنى نامايان قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مەبلەغ، تېخنىكا، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە مەدەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ 2030 - يىلىدىن بۇرۇن كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، 2060 - يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى جاكارلىدى، بۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا چىقىرىلغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بولۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شارائىتى بار جايلار ۋە نۇقتىلىق ساھەلەر، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ باشلامچى بولۇپ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشىنى قوللاۋاتىدۇ. جۇڭگو كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە كۆمۈر ئىستېمالىنىڭ ئېشىشىنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە تەدرىجىي ئازايتىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يەر شارىۋى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قاتناشقۇچىسى، تۆھپە قوشقۇچىسى، باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يەر شارىۋى مۇھىت تۈزەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى. جۇڭگو تەرەپ بۇ يىل 10 - ئايدا «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» بويىچە 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنى ئېچىشنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى تۈزەشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كۆپ خىل شەكىلدىكى جەنۇب - جەنۇب ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئارقىلىق، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ يەنە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ نۇقتىلىق مەزمۇنى قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە سىجىل بەخت يارىتىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن خىرىسى رېئال، كەسكىن، ئۇزاق مۇددەتلىك. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارساقلا، ئىنسانلار جەزمەن يەر شارىۋى كىلىمات مۇھىتى خىرىسىغا ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئەۋلادلارغا قالدۇرالايدۇ.

يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىلىمات ئۆزگىرىشى خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان كەسكىن خىرىس بولۇپ، پۈتۈن يەر شارى بويىچە كۈچنى بىرىكتۈرۈپ تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىپ، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە تېخىمۇ زور ئېشىش بوشلۇقى يارىتىپ، يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان پىلانېتنى ياخشى قوغداپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنى ئىناق بىللە ئۆتىدىغان قىلىپ، ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىش كېرەك. كۇنمىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» بويىچە 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى قوللايمىز. ئاجىز دۆلەتلەر ۋە كىشىلەر توپىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ۋە تېخنىكا مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشى ۋە ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.