قار-شىۋىرغانغا قارىماي يول ئاسراش

日期:2021年01月26日
来源:天山网
【字体:

تيېچاڭگۇ رېمونت قىلىش ئەترىتىدىكى ئىشچىلار مايتاس شامال رايونى قاراماي-چۆچەك تۆمۈريولى لىنىيەسىدىكى قاتتىق قېتىپ كەتكەن يىغىلىپ قالغان قارلارنى تازىلىماقتا (1-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

شىنخۇا تورى خەۋىرى: قاراماي-چۆچەك تۆمۈريولى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ قاتنىشىدىكى مۇھىم يول. قاراماي-چۆچەك تۆمۈريولى «موگۈي شامال رايونى» مايتاسنى كېسىپ ئۆتىدۇ. جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالتاي ئۇل ئەسلىھە ئۇچاستىكىسى دۆربىلجىن ئۇنىۋېرسال رېمونت قىلىش سېخى تيېچاڭگۇ رېمونت قىلىش ئەترىتى بۇ يەرگە ئورۇنلاشقان. ئۇلار 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، تۆمۈريول رېلىسىنى رېمونت قىلىش، ئاسراش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇپ، پويىزلارنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

بۇ ياشلار كوللېكتىپى جاپالىق تەبىئىي مۇھىتتا يۈرۈپ، قار-شىۋىرغانغا ھەمراھ بولۇپ،يولدىن ئۆتكەن يولۇچىلارنىڭ ئامانلىقىنى قوغدايدۇ.