ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرز پۇلىنى تارقىتىشى 1 مىليون قېتىمدىن، ئومۇمىي سوممىسى 200 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

日期:2021年01月26日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر جاۋ مىن): مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئىستاتىستىكا مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، 1995-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تۈزۈمى ئورنىتىلغاندىن بۇيان، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ شەخسلەر تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرز پۇلى تارقىتىلىش قېتىم سانى، سوممىسى 1 مىليون قېتىمدىن، 200 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 1 مىليون 18 مىڭ 20 قېتىمغا، 201 مىليارد 561 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرز پۇلى ئارقىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ 110 مىليون كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق ئۆي سېتىۋېلىشىغا ۋە سېلىشىغا مەدەت بېرىلگەن، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشتىكى ئۆسۈم چىقىمى تەخمىنەن 47 مىليارد يۈەن تېجەپ قېلىنغان، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنىڭ تاپشۇرغان ۋە ئامانەت قويغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ ئىستېمالىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى رولى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرزىنى ئىلتىماس قىلغاندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن تاپشۇرغان ۋە ئامانەت قويغان ئىشچى-خىزمەتچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئېلىش ئارقىلىق تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلىغان. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا تاپشۇرغان ۋە ئامانەت قويغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالغان تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى جەمئىي 223 مىليارد 825 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

ئېلىش سوممىسى ئىچىدە، ئۆزى ئولتۇرىدىغان ئۆينى سېتىۋېلىش، سېلىش، قايتىدىن سېلىش، چوڭ رېمونت قىلىشقا ئىشلىتىلگەن، ئۆي سېتىۋېلىش قەرز پۇلىنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش، شۇنىڭدەك ئىجارە ئۆي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇرالغۇ ئىستېمال تۈرىدىن ئېلىنغىنى تەخمىنەن %70ىنى ئىگىلىگەن، بۇ 170 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا بولغان؛ دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيەگە چىقىش، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، چېگرىدىن چىقىپ ئولتۇراقلىشىش، ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىق تۇرالغۇ ئىستېمال تۈرىگە كىرمەيدىغانلاردىن ئېلىنغىنى تەخمىنەن %30ىنى ئىگىلىگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باشقارمىسى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى سىستېمىسى ئىشلىتىش سىياسىتىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تاپشۇرغان ۋە ئامانەت قويغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئىستېمال ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغان. بۇنىڭدىن كېيىن، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتى رولى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇلۇپ، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تۈزۈمىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى ۋە مەنپەئەتلىنىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىدىكەن، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاشۇرۇلىدىكەن.