600 تونۇردا يېقىلغان «يۇپيۇمىلاق» نانلاردا نامايان بولغان بەخت

日期:2021年01月26日
来源:天山网
【字体:

ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى 4000دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى

600 تونۇردا يېقىلغان «يۇپيۇمىلاق» نانلاردا نامايان بولغان بەخت

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئاقسۇ شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ليۇ بىڭبىڭ

[ئىستون سۆزى]

بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ باشلىنىش يىلى. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتىدە«تۇنجى قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، يېڭى كەيپىيات يارىتايلى» ئىستونى ئېچىلدى، بۇ ئىستوندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ياخشى نەتىجە - ئۈنۈملەر خەۋەر قىلىنىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ «14 - بەش يىل»دا كۈرەش قىلىش، يېڭى مۇساپىگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنىشىدىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ يەنىمۇ مۇجەسسەملىنىدۇ.

1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سەھەردە، يۈسۈپجان قۇربان «ئاقسۇ نېنى» دېگەن ناخشىنى ئاڭلىغاچ، راسلانغان يۇپيۇمىلاق نانلارنى تونۇرغا يېقىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا نان يېقىۋاتقىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان بولۇپ، يۇپيۇمىلاق نانلار ئۇنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.

يۈسۈپجان ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىسى قارامۇقچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، 2010 - يىلىدىن باشلاپ كەنتتە ناۋايخانا ئاچقانىدى. «ئۇ چاغدا، ناننى سەللا كۆپ يېقىپ قويساق سېتىپ بولالمايتتۇق.» يۈسۈپجان مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، مەن بۇ يەردە ئىككى تونۇرنى ھۆددە ئېلىپ، ئالتە ئادەمنى يېتەكلەپ نان يېقىۋاتىمەن، قانچىلىك ياقساق ھەممىنى سېتىپ بولالايمىز. بۇ يىل مەن يەنە ئىككى تونۇرنى ھۆددە ئالماقچى».

يۈسۈپجاننىڭ غەيرىتى ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدىن كەلگەنىدى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە، ئۇ نان ياقىدىغان ھەمراھلىرى بىلەن كەسىپلەر باغچىسىغا بېرىپ ئىشلەيدۇ، سائەت 9دا بىرىنچى تۈركۈمدىكى نانلار تونۇردىن چىققاندىن كېيىن، ئىسسىق ساقلاپ تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى ئاقسۇ شەھىرىدىكى مەركىزىي ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مەركىزىگە ھەم ئەتراپتىكى ناھىيەلەرگە مال يەتكۈزۈشكە باشلايدۇ، كەسىپلەر باغچىسىغا ئورۇنلاشقان ئەشيا ئوبوروتى شىركەتلىرى ئىچكىرى رايونلارغا مال سالىدۇ؛ سېتىش خادىملىرى ئىش ئورنىغا دەل ۋاقتىدا بېرىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى باشلاپ، دوۋيىن، تاۋباۋ تور دۇكىنى قاتارلىقلار ئارقىلىق تورداشلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولىدۇ ھەم زاكاز قوبۇل قىلىدۇ؛ يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن مۇراببا پىششىقلاش - ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ئېچىلغان ئالما مۇرابباسى نېنى، چىلان مۇرابباسى نېنىنى تۈگىمەس خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ...

«ئاقسۇنىڭ نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، بۇ يىل غەيرەت قىلىپ ئىشلىسەم، چوقۇم بۇلتۇرقىدىنمۇ كۆپ پۇل تاپالايمەن.» يۈسۈپجاندىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى بىر تونۇرنىڭ يېنىدا، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ياركۆۋرۈك يېزىسى مازارباغ كەنتىدىن كەلگەن ئابدۇرېشىت تۇرسۇن ئۆزىنىڭ بىرنەچچە شاگىرتىغا شۇنداق دەۋاتاتتى.

نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا، ھەربىر نان يېقىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىش ھەققى ھەر ھەپتىدە مەھسۇلات مىقدارى تالونى، سۈپەت تەكشۈرۈش تالونى، مال چىقىرىش تالونىغا ئاساسەن بىر قېتىم راسچوت قىلىپ بېرىلىدۇ. ئالدىنقى ھەپتىدە، ئابدۇرېشىت 5800 يۈەن، شاگىرتلىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3500 يۈەن ئەتراپىدا پۇل ئالدى، پۇل سانىغاندا، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلى يايراپ كەتتى.

قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 33 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا، مۇخبىرلار نان ئىشلەپچىقىرىش - پىششىقلاش رايونى، نان مەدەنىيىتى كۆرگەزمە زالى، تاۋار سېتىش رايونى، ئېلېكتىرونلۇق سودا رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ غەيرىتىنىڭ تولۇپ تاشقانلىقىنى كۆردى. بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە رىياسەتچى خانقىز تۇرغۇن توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئارقىلىق، تورداشلارغا كەسىپلەر باغچىسىدىكى 600 تونۇردا بىرلا ۋاقىتتا نان يېقىلىۋاتقان ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى، پىياز نان، كۈنجۈت نان، گازىر نان، لازا نان، گۈلقەنت نان قاتارلىق ھەربىر خىل ئۆزگىچە ناننىڭ تەييارلىنىش جەريانىنى كۆرسىتىۋاتاتتى.

2020 - يىللىق سانلىق مەلۇمات جەدۋىلىنى قولىغا ئالغىنىدا، ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تەن ۋۇمىنىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يېرىم يىلدا، ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى 120 مىليون نان ئىشلەپچىقىرىپ، مەھسۇلات قىممىتىنى 300 مىليون يۈەندىن ئاشۇردى، 4000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل، نانچىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت بۇ سۇپىنىڭ ياردىمىدە، ئاقسۇنىڭ نانلىرى جېجياڭدا ئېچىلغان شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس دۇكىنىغا كىردى، بۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئىش ئورنىغا چىققان ھەر بىر ئىشچى - خىزمەتچىگە قارىتا، ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشنى يولغا قويدى. بۇ يىل، نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدىكى تەربىيەلەشكە مەسئۇل بولغان ئابدۇراخمان رۇسۇل قاتارلىق ناۋاي ئۇستىلارنىڭ كۈنتەرتىپلىرى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن باغچە رايونىدىكى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە بىخەتەرلىك، تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيەلەرگە بېرىپ تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرىدۇ.

تەن ۋۇمى مۇنداق بىلدۈردى: ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، كۆلەملەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىش، سۈپەتلىك ماركىلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، تورلاشتۇرۇپ سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، «ئاقسۇ نېنى» سۈپەتلىك ماركىسى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەنە بىر يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندى.