پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەيمىز

日期:2021年01月26日
来源:天山网
【字体:

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار مۇنداق بىلدۈردى −

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەيمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپىسى) سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى مۈلۈكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى گۈلزار ئابلا مۇنداق دېدى: «بىز سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت بۇ <تۇتقا>نى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپىسى)لىرىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشىنى نازارەت قىلىمىز. دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە ساپلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، قىممىتىنى ئاشۇرۇش، دۆلەت كارخانىلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش، كۈچەيتىشنى ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز».

پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جەن شياۋچىن مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، <چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇش> تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سولاپ، تەپتىش كادىرلىرىنىڭ پاك بولۇش، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ دۇرۇس بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز».

پارتىيە ئىچىدىكى «ئىنتىزام قىسمى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شاڭ خۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باشلامچىلىق بىلەن كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئورگانلىق ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ ئۆتكەلنى ئىگىلەپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىقتىدارى يۇقىرى ۋە كۈچلۈك بولغان كادىرلارنى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى بەنزىسىگە تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشقا قويۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى <بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت> دېگەن ئىنتىزام تەلىپىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، قاتتىق، ئەمەلىي ھالدا ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئىستىلى ئارقىلىق سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىشى كېرەك».

پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلدارلارنى قاتتىق باشقۇرۇشتا. جىمىسار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ يۇڭجۈن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كادىرلارنى تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈش، مۇنەۋۋەر ئاكتىپلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ پارتىيەگە كىرگۈزۈشنىڭ ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان چارىسىنى تۈزۈپ، ھەم كۈچنى ئادەتتىكى ۋاقىتلارغا سەرپ قىلىپ، كادىرلارنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ خىل يول ئارقىلىق چۈشىنىشىمىز، ھەم كادىرلارنىڭ جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشنىڭ بىرىنچى سېپى، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپى، ئېغىر، زور سىناقلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئىپادىسىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلارنىڭ غايە - ئېتىقادى، سىياسىي پەزىلىتى، ئىقتىدار ساپاسى، خەلقچىل ھېسسىياتى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى دەل، پۇختا تەكشۈرۈپ باھالاپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاش، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

«بىز ئىنتىزامغا خىلاپ، قانۇنغا خىلاپ تىپىك دېلو مىساللىرىدىن ساۋاق ئېلىپ، قولىمىزدىكى ھوقۇقتىن ئەيمىنىشىمىز، قولىمىزدىكى سوت قىلىش ھوقۇقىنىڭ خەلققە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 1 - كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقى گۇەن رۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلققە سادىق بولۇپ، غايە - ئېتىقادنىڭ پارتىيە ئەزالىرىغا بولغان مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، خىزمەتتە سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، قانۇن بويىچە سوت قىلىش، ئادىل سوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقەددەس سوت قىلىش ھوقۇقىنى ياخشى قوغدايمەن».

«2020 - يىلى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى، مەيلى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە بولسۇن ياكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا بولسۇن، پارتىيە بايرىقى باشتىن - ئاخىر ئېگىز جەۋلان قىلدى. كەڭ ئامما بوران - چاپقۇن يېتىپ كەلگەندە، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نوپۇزىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم يۆلەنچۈك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.» يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى يەنجى بازىرى جىنلياڭ مەھەللىسىنىڭ رېۋىزىيە ئۇچۇر خادىمى گۈزەلنۇر ئوسمان پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلام رېۋىزىيە ئۇچۇر خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن <قاراۋۇللۇق> رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغا كېڭىيىشىدىكى <ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر>ىنى ھەقىقىي راۋانلاشتۇرىمەن».

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار ياڭ شۇخەن، گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر گو شاۋۋېن)