شىنجاڭدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار دىققەت، ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى شىنجاڭ سىرتىدىكى 12 جايدا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھالقىپ كارتا سۈركەپ بىۋاسىتە راسچوت قىلغىلى بولىدىغان بولدى!

日期:2021年01月22日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر جاۋ مىن): شىنجاڭدا سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ باشقا جايدىكى ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى كارتا سۈركەپ بىۋاسىتە ھېسابات قىلغىلى بولىدىغان بولدى!

مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار شىنجاڭ سىرتىدىكى 12 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە بەلگىلەنگەن پارچە سېتىش دورىخانىلىرىدا بىۋاسىتە كارتا سۈركەپ ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى ۋە دورىخانىلاردىن دورا سېتىۋېلىش خىراجىتىنى راسچوت قىلسا بولىدىكەن، بۇ 12 جاي ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېيجىڭ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسى، شاڭخەي شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، ئەنخۇي ئۆلكىسى، يۈننەن ئۆلكىسى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى، چۇڭچىڭ شەھىرى، سىچۈەن ئۆلكىسى، گۈيجوۋ ئۆلكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2020-يىلى 12-ئايدا «دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى ئۆلكە ھالقىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى ئۆلكە ھالقىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىش سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە سىناق قىلىشنى تاماملىغان، دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى ئۆلكە ھالقىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغان ھەمدە رەسمىي تورغا چىقارغان.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى ئۆلكە ھالقىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى خىزمەتچى-خادىملارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى ۋە غەربىي جەنۇبتىكى بەش ئۆلكىگە ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى دەل ۋاقتىدا راسچوت قىلىش بويىچە نەق مەيداندا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەشكە ئەۋەتتى، سىناق خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى15 بىرتۇتاش پىلانلانغان رايون بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى ۋە غەربىي جەنۇبتىكى بەش ئۆلكىنىڭ ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى دەل ۋاقتىدا راسچوت قىلىش تورىغا تولۇق ئۇلاندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار يۇقىرىقى 12 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتى ئارقىلىق ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە، دورىخانىلاردىن دورا سېتىۋېلىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلسا بولىدىغان بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېيىنكى قەدەمدە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، شىنجاڭدا ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى يولغا قويۇش ئىلگىرىلەش سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، مۇناسىپ ئۆلكىلەرنىڭ ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش خىزمىتى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش بىۋاسىتە راسچوت قىلىش تاكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئۆلكىلەرگىچە كېڭەيتىلىدىكەن.