تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان 3-قۇملۇق تاشيولىنىڭ ساندۇقسىمان لىملىرىنى ئورنىتىش تاماملاندى

日期:2021年01月22日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى ( مۇخبىر گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ياۋ لۇڭ، خۇاڭ مېڭۋېن خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا لوپنۇر-چەرچەن تاشيولىنىڭ ساندۇقسىمان لىم توشۇش، قۇراشتۇرۇش خىزمەت ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان 3-قۇملۇق تاشيولىنىڭ 2021-يىلى ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلۇشىغا پۇختا ئاساس سېلىندى.

ساندۇقسىمان لىم ئورنىتىلماقتا.

لوپنۇر-چەرچەن تاشيولى تۈرى شىمالدا لوپنۇر ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، ئۆگەن دەرياسى، تارىم دەرياسى، توغراقلىق، لوپنۇرلۇقلار كەنتى، چەرچەن دەرياسىدىن ئۆتۈپ، جەنۇبتا چەرچەن ناھىيەسىگە تۇتىشىدۇ، دۆلەت يولى 315-لىنىيەسى، چاقىلىقتىن نىيەگىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بىلەن ئايرىم-ئايرىم تۇتاشتۇرۇلىدۇ، 2-دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە ياسالغان بولۇپ، سائەتلىك سۈرىتى 60 كىلومېتىردىن 80 كىلومېتىرغىچە قىلىپ لايىھەلەنگەن، توختام مۇددىتى 2017-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە ئىكەن.

1ـ ئاينىڭ 20ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ بۇ تۈر قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، 334 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ قۇملۇق تاشيولىدا ئۈچ چوڭ كۆۋرۈك بار بولۇپ، ئۇلار چەرچەنگە جايلاشقان چەرچەن دەرياسىنىڭ 1-,2-نومۇرلۇق چوڭ كۆۋرۈكى ۋە لوپنۇرغا جايلاشقان تارىم دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى ئىكەن، كۆۋرۈكنىڭ ئورنى تۈرنىڭ ئىككى ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، ئارىلىقى 300 كىلومېتىردىن ئاشىدىكەن.

ساندۇقسىمان لىم توشۇلماقتا.

سۈرەتتە ساندۇقسىمان لىم ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

لوپنۇر-چەرچەن تاشيولى پۈتكەندىن كېيىن، چەرچەن ناھىيەسىدىن كورلا شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىق 350 كىلومېتىر قىسقىرايدۇ، يول يۈرۈش ۋاقتى ئەسلىدىكى 12 سائەتتىن ئالتە سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتقا قىسقىرايدۇ، بۇ شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئارىلىقى ئۇزۇن، تۇرمۇش تەننەرخى يۇقىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ لىنىيە كېسىپ ئۆتىدىغان رايون تارىم ئويمانلىقىنىڭ نېفىت گېئولوگىيىلىك زاپىسى مول بەلباغ بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك زاپاس رايونى ھېسابلىنىدۇ، قۇملۇق تاشيولى كەلگۈسىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىش، توشۇش قاتارلىقلارنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ جەمئىيەت، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.