ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

日期:2021年01月21日
来源:天山网
【字体:

چېن چۈەنگو قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى لى پېڭشىن تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى

1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: تەقدىرلەش يىغىنى مەيدانى.

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-جېڭۋېي چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يىغىن باشلاندى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىلغار شەخسلەر ۋە ئىلغار كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى» «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن شەخسلەر ۋە كوللېكتىپلار ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەتچى خادىملىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى، ساقچى ياردەمچىلىرى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خادىملىرى، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، پىدائىيلار ھەمدە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئەڭ ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى! يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە ئاكتىپ قاتناشقان ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەگە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللىغان دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەر، رايونلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى!

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلدى، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، پەۋقۇلئاددە تەدبىر ئارقىلىق پەۋقۇلئاددە ئىشقا تاقابىل تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى باشلاپ، بىر مەيدان مىسلىسىز جاپالىق، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخىنىڭ ئۇلۇغ سەھىپىسىنى پۈتتى. ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبە، ھاسىل قىلىنغان مۇھىم ئىلھام، تاۋلانغان ئۇلۇغ روھنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، «14-بەش يىل»دا كۈرەش قىلىش، يېڭى مۇساپىگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنىش، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاپاغا چىداپ سىجىل تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ مۇھىم، زور نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ قەرەلىدە تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق كادىر، ئامما مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قەلبداش بولۇپ، مۇستەھكەم ئېتىقاد، كۈچلۈك ئىرادە، ئېگىلمەس-سۇنماس تىرىشچانلىق ئارقىلىق قاتمۇقات سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان قەھرىمانلىق مەدھىيە ناخشىلىرىنى پۈتتى. تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپلار ۋە ئىلغار شەخسلەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز چىڭ تۇرۇپ، ئۈن-تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلىغان مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى. پۈتۈن جەمئىيەت ئىلغارلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈشتەك قەھرىمانلىق جاسارىتىدىن، سادىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەشتەك ئىرادە، پەزىلىتىدىن، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئېسىل ئىستىلىدىن، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتۇشتەك دەۋر مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتەك ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىدىن ئۆگىنىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئۇلۇغ روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىگە ئېرىشىپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى ئۇرغۇتۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات-مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، جەمئىيەت مۇقىملىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، تىرىشىپ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بىرىنچىدىن، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي ئاڭنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلەش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىلچە بوشاشماي دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي يېڭىپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق سىستېمىسىنى دائىملاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ كۆلەملىك سىرتتىن كىرىشى ۋە قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ساغلام شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام سەھىيە بايلىقى سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتىپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ياردەم بېرىش، يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، «تۆتنى توختاتماسلىق» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بەشىنچىدىن، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى، مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى يۈ ئەيپىڭ، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىلى، قەشقەر شەھىرى ئۆستەڭ بويى كوچا باشقارمىسى يۇمىلاقشەھەر يولى مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياقۇتگۈل سۇلتان، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىلغار كوللېكتىپلار ۋەكىلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى جوۋ گويۈ، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ئورنىنىڭ مۇدىرى مەخمۇت سۆز قىلدى.

تەقدىرلەش يىغىنى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپلار ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى، تۇەن - چاڭلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.