تارباغاتاينىڭ نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنى پىلانلاش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

日期:2021年01月21日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدەنىڭ تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئەتىگەندىلا، تارباغاتاينىڭ نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابىدا خىزمەتچى خادىملار ئالاقىدار سىياسەت ۋە تۈرلەرنى رەتلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، سىناق رايونىنى پىلانلاش ئۈچۈن ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. نۆۋەتتە، تارباغاتاينىڭ نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنى پىلانلاش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان.

2020 - يىل 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، گوۋۇيۈەن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ سىناق رايونى دېيىلىدۇ)نى تەسىس قىلىشقا تەستىقىي جاۋاب بېرىپ قوشۇلدى. سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە مەمۇرىي مەھكىمە تېزدىن سەرخىل كۈچلەرنى ئاجرىتىپ، سىناق رايونى قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش، خىزمەت تەدبىرلىرىنى تۈزۈش، سىناق رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى، مەبلەغ سېلىش، سودا، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ماس ئالغا سىلجىتىش، سىناق رايونى ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشقا مەسئۇل قىلدى.

تەستىقلانغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتى ھۆكۈمەت - بانكا - كارخانا سۆھبەت يىغىنى، سىناق رايونى تۈر ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىقلارنى ئارقا - ئارقىدىن ئۆتكۈزۈپ، «تارباغاتاينىڭ نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنىڭ <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانىدىكى نۇقتىلىق تۈرلەر ئامبىرى» «تارباغاتاينىڭ نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنىڭ 2021 - يىللىق تۈرلەر ئامبىرى» تەتقىق قىلىنىپ تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش، ئېنېرگىيە، كەسىپ، ئۇرۇقچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، سىناق رايونىنىڭ يىرىك پىلاندىكى كۆلىمى تەخمىنەن 16 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، دائىرىسى چۆچەك شەھىرىنىڭ پۈتۈن تەۋەسى ھەم دۆربىلجىن ناھىيەسى، شىخو شەھىرى، ساۋەن ناھىيەسى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى، تولى ناھىيەسى، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرى(شەھەر رايونى، سانائەت باغچە رايونى جايلاشقان يېزا - بازارلار ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نۇقتىلىق يېزا - بازارلار)، بىڭتۇەن 9 - شىسىنىڭ بىر قىسىم تۇەن - چاڭلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرمىسى «بىر يادرو» (چۆچەك شەھىرىنىڭ پۈتۈن تەۋەسى)، «ئىككى كارىدور»(تارباغاتاينىڭ شىمالى ۋە تارباغاتاينىڭ جەنۇبىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىقتىساد كارىدورى)، «ئۈچ رايون»(زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ۋە ئېكولوگىيەلىك ساياھەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى)دىن ئىبارەت ئىكەن.

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيسى شۆ گۇيچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، تارباغاتاي ۋىلايىتى ئىشنى تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، خاس ئەۋزەل كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، تاشقى ئالاقە، ئالماشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، شەھەر - يېزا جەمئىيىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىن ئىبارەت يەتتە جەھەتتىن تۇتۇش قىلىپ سىناق رايونى قۇرۇشتىن باشلاپ، تىرىشىپ سىناق رايونىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ مۇھىم تايانچ نۇقتىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم سۇپىسى، چېگرا بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپى، چېگرا ۋە دۆلەت زېمىنىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىم توسۇقى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.