ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى

日期:2021年01月21日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 - قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 - قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 54 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە نەمۇنىلىك رايون بەرپا قىلىش نىزامى(لايىھە)» ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنى ئېچىش ۋاقتى توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى تەييارلىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنىدا سايلاشقا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ئىشلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا، يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرىغا تەيىننامە تارقىتىلدى ھەم ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. قاراپ چىقىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياخشى ئىستىلنى ساقلاپ، زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ يىغىننى ياخشى ئېچىپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى تاماملاش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جۇ خەيلۇن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ سۇشې، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېت خىزمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.