لېكسىيە دەرسخانىسى چىلانلىققا كۆچۈرۈلدى

日期:2021年01月21日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن شۆرۇ

«3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يىل بىز يەنە ئورگانىك چىلاننى داۋاملىق ياخشى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك...» 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چەرچەن ناھىيەسى توغراقلىق يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يەن لۇڭفېي بۇ يېزىنىڭ توغراقلىق كەنتىدە ئۆزگىچە لېكسىيە سۆزلىدى، لېكسىيە دەرسخانىسى كەنت ئاھالىسى ئوسمان ئەبەينىڭ چىلانلىقىدا تەسىس قىلىندى.

يەن لۇڭفېي يېنىدا ئايرىم - ئايرىم «3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش» (پارتىيە ئەزالىرى ئوقۇشلۇقى)، «3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش» (ئامما ئوقۇشلۇقى)دىن ئىبارەت ئىككى كىتابنى ئېلىپ يۈرۈيدۇ.

«ھازىر دەل چىلان دەرىخىگە توپا يۆلەيدىغان، ئۇنى ھاكلايدىغان پەسىل، بىز ھەم ياخشى لېكسىيەچى بولۇشىمىز، ھەم چىلان ئۆستۈرۈشكە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك، مانا بۇ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن.» يەن لۇڭفېي ئوسماننىڭ چىلانلىرىغا توپا يۆلەش، ئۇنى ھاكلاش ئارىلىقىدىكى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ لېكسىيە سۆزلىدى.

«بىز 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىگىلىدۇق، لېكسىيە ئۆمىكىدىكى كادىرلار يەنە ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىمىزغا ياردەملەشتى، بىز بۇنىڭغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز، بۇ خىل لېكسىيە سۆزلەش ئۇسۇلى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن!» دېدى ئوسمان.

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، چەرچەن ناھىيەسىدە رەھبەرلەر، ھۆددىگە ئېلىش - ئالاقىلىشىش كادىرلىرى، پارتىيەلىك كادىرلار، «پۇقرا لېكسىيەچى»لەر قاتارلىق 70تىن ئارتۇق كىشىدىن تەشكىللەنگەن لېكسىيە ئۆمىكى يىغىن زالىدىن چىقىپ، ئېتىز - ئېرىق باشلىرى، چوڭ - كىچىك كوچىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەرقايسى يېزا، بازار، كەنتلەردىكى كادىرلار، ئامما بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە مۇڭدىشىپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ سۆزلەپ، ھەر خىل ئۆزگىرىشلەردىن باشلاپ سۆزلەپ، كادىرلار، ئاممىغا 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى، كەڭ ئاممىنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن تېخىمۇ بەختلىك گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلىدى.

ھازىرغىچە، چەرچەن ناھىيەسى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بويىچە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى جەمئىي 270 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق قانات يايدۇردى. پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك لېكسىيە ئۆمەكلىرى، پارتىيەلىك كادىرلار مەركەزلىك ئۆگىنىشكە تەشكىللەش، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»نى قانات يايدۇرۇش، ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا كۆپ خىللاشقان، ھەر تەرەپلىمە لېكسىيە سۆزلەپ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىغا بولغان چۈشىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشتۇردى.

«ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، بىز 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشىمىز كېرەك. پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، باشلامچىلىق بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاساسىي قاتلامدىكى ھەرقايسى كۈچلەرنى قوزغىتىپ، ھەر خىل شەكىل، ھەر خىل ۋاسىتە ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، بىرمۇ ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىرمۇ ئادەمنى قالدۇرۇپ قويماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن چەرچەن كۈچىنى قوشۇشى كېرەك» دېدى چەرچەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چيەن شياۋدۇڭ.