چېن مىڭگونىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

日期:2021年01月21日
来源:天山网
【字体:

چېن مىڭگو، ئەر، خەنزۇ، 1966 - يىلى 10 - ئايدا تۇغۇلغان(54 ياش)، سىچۇەن يىلۇڭدىن، 1988 - يىلى 7 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1992 - يىلى 1 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە(2009 - يىلى 1 - ئايدا شىنەن مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ نوپۇسشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن)، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى.

1984 - يىلى 9 - ئايدىن 1988 - يىلى 7 - ئايغىچە، بېيجىڭ داشۆ قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ قانۇنشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1988 - يىلى 7 - ئايدىن 1992 - يىلى 6 - ئايغىچە، سىچۇەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدە پۈتۈكچى، ياردەمچى سوتچى بولغان(بۇ مەزگىلدە: 1989 - يىلى 5 - ئايدىن 1990 - يىلى 5 - ئايغىچە، گۇاڭخەن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە ۋەزىپە بىلەن چېنىققان)؛ 1992 - يىلى 6 - ئايدىن 1997 - يىلى 8 - ئايغىچە، سىچۇەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار ئەدلىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛ 1997 - يىلى 8 - ئايدىن 2001 - يىلى 12 - ئايغىچە، سىچۇەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار ئەدلىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 2001 - يىلى 12 - ئايدىن 2003 - يىلى 5 - ئايغىچە، سىچۇەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار ئەدلىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2003 - يىلى 5 - ئايدىن 2004 - يىلى 3 - ئايغىچە، سىچۇەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ كادىرى بولغان؛ 2004 - يىلى 3 - ئايدىن 2004 - يىلى 7 - ئايغىچە، سىچۇەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2004 - يىلى 7 - ئايدىن 2008 - يىلى 8 - ئايغىچە، سىچۇەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2008 - يىلى 8 - ئايدىن 2012 - يىلى 4 - ئايغىچە، سىچۇەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان(2004 - يىلى 9 - ئايدىن 2009 - يىلى 1 - ئايغىچە، شىنەن مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى قانۇن شۆيۈەنى نوپۇسشۇناسلىق كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن)؛ 2012 - يىلى 4 - ئايدىن 2013 - يىلى 9 - ئايغىچە، سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى(نازىر دەرىجىلىك) بولغان؛ 2013 - يىلى 9 - ئايدىن 2015 - يىلى 1 - ئايغىچە، سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2015 - يىلى 1 - ئايدىن 2018 - يىلى 1 - ئايغىچە، سىچۇەن ئۆلكىلىك ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 1 - جېڭۋېيى(2015 - يىلى 4 - ئاي) بولغان؛ 2018 - يىلى 1 - ئايدىن 2020 - يىلى 12 - ئايغىچە، چىڭخەي ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى بولغان.