ئۇلۇغچات ناھىيەسى بايقۇرۇت يېزىسى — تاغ ئىچكىرىسىدىن كۆچۈپ چىقىش بەخت يولى كېڭىيىش

日期:2021年01月20日
来源:天山网
【字体:

ئاپتور: جاڭ رۇيلىن

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەردە، پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان تورغات پورتىدا سوغۇق شامال چىقىپ تۇراتتى. پورتقا بىر كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ بايقۇرۇت يېزىسى توپا نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسى بەخت ئولتۇراق رايونىدا، مەرىخان ئىسمايىلبېك ئويغىنىپلا، نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ دۇكىنىغا بېرىشقا تەييارلىق قىلدى.

ئىلگىرى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن مەرىخان ھازىر سۇ، توك، پار تولۇق بولغان ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان دۇكان تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىپ، «تاغ ئېتىكىدە بىنا ئۆي بولۇش، بىنا ئاستىدا دۇكان بولۇش، ئايدا كىرىم بولۇش، ھەر يىلى ئامانەت پۇل بولۇش»تەك بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

تاغدىن كۆچۈپ چىقسا يېڭى يول بار

بايقۇرۇت يېزىسى ئىلگىرى ئېغىر نامرات يېزا ئىدى.

بايقۇرۇت يېزىسى تورغات پورتىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى بىر قەدەر زور بولۇشتەك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، پورت ئەتراپىدا بەخت ئولتۇراق رايونى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتىر ئېگىزلىكتە ياشايدىغان، ياشاش مۇھىتى بىر قەدەر ناچار، پايدىلانغىلى بولىدىغان بايلىقى كەمچىل، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى تەس بولغان يۈزدىن ئارتۇق نامرات چارۋىچىنى كۆچۈرۈپ كەلدى.

ئادەم كۆچۈپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل باقمىچىلىقنى ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى قىلىپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قوي پادىسىدىن ۋاز كېچەلمىدى. شۇڭا، يەرلىك ھۆكۈمەت «ئون ئائىلە بىرلىشىپ چارۋىچىلىق قىلىش، يۈز ئائىلە بىرلىشىپ تېرىقچىلىق قىلىش»نى يولغا قويۇپ، چارۋا ياكى يەرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى بىرلىشىپ چارۋىچىلىق قىلىش ياكى بىرلىشىپ تېرىقچىلىق قىلىش تەشكىلاتى قۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، كۆلەملەشكەن، زامانىۋىلاشقان باقمىچىلىق ۋە تېرىقچىلىقنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

پورتقا يېقىنلاشسا پۇرسەت كۆپ بولىدۇ

تۇرغۇنئەلى تۇرسۇن ئاچقان تاللا بازىرىنىڭ تورغات پورتى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ.

كېلىپ كېتىپ تۇرىدىغان سودىگەرلەر ئۈزۈلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆچۈپ كەلگەن ئاھالىلەر ئۈزلۈكسىز توپلاشقان بولغاچقا، بۇ تاللا بازىرى ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ.

ھازىرقى تۇرمۇشى تىلغا ئېلىنسا، تۇرغۇنئەلى ئىنتايىن مەمنۇن بولغان ھالدا: «خوتۇنۇم دۇكان ئاچىدۇ، مەن چېگرا قوغدىغۇچى، ئايلىق مائاشىم 2600 يۈەن، بوش ۋاقىتلىرىمدا پورتقا بېرىپ يۈك توشۇغۇچى بولساممۇ ئازراق پۇل تاپالايمەن. قامچىنى تاشلاپ، بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، كىرىمىمىز ئاشتى، كېيىنكى كۈنلىرىمىز چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دېدى.

كۆچۈپ كەلگەن نۇرغۇن ياش ئەمگەك كۈچلىرى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ماسلاشتۇرۇپ ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، پورت يۈك مەيدانى، ئىمپورت-ئېكسپورت كارخانىسى، پورتتا تۇرۇشلۇق ئورۇن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئىشلەپ، پورتنىڭ ئەمگەكچى ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى تولۇقلاپ، پورت ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى

نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئەمگەك ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئىدى.

شارگۈل ئابلىز تورت ياساشقا بەك قىزىقاتتى. كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن توپا مەھەللىسى ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار دېھقان-چارۋىچىلارنى تۈرلۈك ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى، تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، شارگۈل ئارزۇسى بويىچە تورت سودىسى قىلدى.

ئاينۇر ماڭسۇر ئۆزىنىڭ ئاشخانا ئېچىش ئارزۇسىغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتى. ئاينۇر 30 كۈنلۈك تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ئوڭۇشلۇق ھالدا 5-دەرىجىلىك ئاشپەزلىك گۇۋاھنامىسى ئالدى.

«مەن ئىلگىرى قوي باقاتتىم، ئۆيگە قارىيالمايتتىم، تۈزۈكرەك پۇلمۇ تاپالمايتتىم، ھازىر پورت تەرەپ بارغانسېرى ئاۋاتلىشىپ كەتتى، سىرتتىن كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەرمۇ بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ، دۇكان ئاچسام كىرىمىم چوقۇم ياخشى بولىدۇ، مەن مۇشۇ ئىشنى ئويلاۋاتىمەن» دېدى ئاينۇر.

ھازىرقى بايقۇرۇت يېزىسىدا كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى بار بولدى، كىرىمنى ئاشۇرۇش كاپالەتكە ئىگە بولدى، تاغدىن كۆچۈپ چىققان ئاھالىلەر پورت ئەتراپىدا يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.