قومۇللۇق ئانا توققۇز يىلدا 6000 جۈپكە يېقىن پېتەك تىكىپ خەلق ساقچىلىرىغا سوۋغا قىلدى

日期:2021年01月20日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن جىنلى، ئىختىيارىي مۇخبىر قېيۇم قادىر خەۋىرى، سۈرەتنى قۇمۇل شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەمىنلىگەن): «بۇنداق سوغۇق كۈنلەردە، مەن دائىم بۇ يەردىن ئۆتكەندە، ساقچى يولداشلارنىڭ سىرتتا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارغائىچىم ئاغرىپ كېتىدۇ، پېتەك تىكىش ھۈنىرىممۇ دەل جايىدا ئەسقاتتى.» 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئىساران داۋۇت ئانا قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى شەھەر ئايلانما يولىمەززىلىك تائاملار كوچىسىغا كېلىپ، ئۆزى تىككەن بىر خالتا پاختىلىق پېتەكنى بىرىنچى سەپتە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

ئىساران داۋۇت پېتەكنى خەلق ساقچىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.

ئىساران قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شەھەر ئىچى يېزىسى جىگدە قۇدۇق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، شۇ كۈنى ئۇ خەلق ساقچىلىرىغا 15 جۈپ پېتەك ئەكىلىپ بەردى، بۇ پېتەكنى ئۇ بىرنەچچە كۈن سەرپ قىلىپ تىككەنىدى. «بىز ئىساران ئانىمىز سوۋغا قىلغان پېتەكنى خەلق ساقچىلىرىغا، ياردەمچى ساقچىلارغاتارقىتىپ بەردۇق، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى، بۇ پېتەكنى ئىشلەتكەندىنكېيىن پۇتلىرىنىڭ توڭلىماي، قەلبىنىڭ ناھايىتى ئىللىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى جۇاڭ زەيچيەن.

مۇخبىرنىڭ قومۇل شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئىساران ئانا ئالدىنقى قېتىم 2020-يىلىنىڭ بېشىداخەلق ساقچىلىرىغا پېتەك سوۋغا قىلغانئىكەن. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەپ 300 جۈپ قىشلىق پىتەك تىكىپ، ئېۋىرغول رايونلۇق جامائەت خەپسىزلىكى ئىدارىسى شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتى بىرىنچى سېپىدىكى خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلار ۋە تېببىي خادىملارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن. «ئۇلار بىرىنچى سەپتە بىز ئۈچۈن تىنچلىقنى ساقلايدۇ، مەن ئۆيدە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۇلارغا ئازراق ئىش قىلىپ بېرىمەن» دېدى ئىساران.

ئىساران داۋۇت پېتەكنى خەلق ساقچىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزمەكتە.

ئەمەلىيەتتە، ئىساران بۇ يىللاردا سوۋغا قىلغان پېتەك بۇلا ئەمەس، ئۇ ھەر يىلى دېگۈدەك پېتەك سوۋغا قىلىدۇ. «توققۇز يىلدىن بۇيان، بۇ ئانا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 6000 جۈپكە يېقىن پېتەك سوۋغا قىلدى» ئىلگىرى كۆپ قېتىم بۇ ئانىنى زىيارەت قىلغان «قومۇل گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى قېيۇم قادىر، 2019-يىلى قىشتا ئىساران ئانىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلغان چاغدىكى مەنزىرنى ئەسلەپ، ئىساران ئانىنىڭ20 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 600 جۈپ پېتەك تىكىپ بىرىنچى سەپتە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزگەنلىكىنى، پېتەكلەرنى ئۇنىڭ بىر كونا كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئارقىلىق ئۆز قولى بىلەن تىكىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى، «كىيىم تىكىش ماشىنىسى بەك كونا بولغاچقا، ھەمىشە يىپ ئۈزۈلۈپ كېتەتتى، ئۇ پات-پات توختاپ يىپنىئۇلاپ، يەنەداۋاملىق تىكەتتى».

بىر كونا كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئىساران داۋۇتنىڭ مېھرى-شەپقەت پېتىكىنى تىكىشتىكى ئاساسلىق قورالى ئىدى.