شىنجاڭدا يېڭىدىن ئۈچ نەپەر ئالىي دەرىجىلىك يەسلى ئوقۇتقۇچىسى كۆپەيدى

日期:2021年01月15日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر شېن زۇشياۋ): شىنجاڭ 2020-يىللىق مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئۇنۋان باھالاش نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىندى، 226 نەپەر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى بالىلار مائارىپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئۈچ ئوقۇتقۇچى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ پەن تەتقىقات يۇرتىدىن بى رۇڭ مۇئەللىم، سانجى ئوبلاستلىق تەجرىبە يەسلىسىدىن لى مېي مۇئەللىم ۋە گۇما ناھىيەسى سەنشيا يەسلىسىدىن شيا پىڭ مۇئەللىم ئىكەن.

ئاپتونوم رايون 2019-يىلى مەخسۇس يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلىپ،يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئالىي ئۇنۋان ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىشتا ئۆزىنىڭ باھالاش شەرتى ھازىرلاندى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ئۆزبېك يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ قارىمىقىدىكى يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ لىڭ شىنجاڭدىكى ئالىي ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنۋانى ئېلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن تۇنجى يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالدى.

ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 30 يىل بولغان بى رۇڭ مۇئەللىم بۇ قېتىم ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالاندى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بى رۇڭ مۇئەللىم بالىلار مائارىپى جەھەتتىكى نۇرغۇن كەسپىي كىتابلارنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى دەرسلىكلىرىنى تۈزۈشكە قاتناشقان ۋە باش مۇھەررىرىبولغان، 2010-يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش، تەربىيەلەش ۋە تېما بەلگىلەش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى ئىزچىل ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن، 2005-يىلىدىن ھازىرغىچە، جۇڭگو ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 6-، 7-، 8-، 9-نۆۋەتلىك دائىمىي كېڭەش ئەزاسى بولۇپ، شىنجاڭدىكىيەسلى ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى بىرلىكتە ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، نۇرغۇن داڭلىق ئوقۇتقۇچى ۋە تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرگەن.

«ئالىي ئۇنۋان باھالاش تەمىنات جەھەتتىكى ئۆستۈرۈش بولۇپلا قالماي، يەنە مېنى ئېتىراپ قىلغانلىق، تېخىمۇ مۇھىمى رىغبەتلەندۈرگەنلىك». سانجى ئوبلاستلىق تەجرىبە يەسلىسىدىكى لى مېي مۇئەللىم بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىن ئىبارەت بۇ يولدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ئالىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بالىلار مائارىپىنى تېخىمۇ قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، خىزمەتتە ئالىي ئوقۇتقۇچىلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى خىزمىتى بىلەن 33 يىل شۇغۇللانغان لى مېي مۇئەللىم ئۇدا تۆت نۆۋەت ئوبلاست دەرىجىلىك پەن باشلامچىسى بولۇپ باھالاندى ھەمدە پەن باشلامچىلىرىنى باھالاشتا مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالاندى، يەسلى ئوقۇتۇش ماھىرى ئىشخانىسىنىڭ رىياسەتچىسى بولدى، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئۇزاق مۇددەت ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «دۆلەت دەرىجىلىك تەربىيەلەش تۈرى»دە دەرس ئۆتىدىغان مۇتەخەسسىس بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم باھالانغان ئوقۇتقۇچىلار شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئادەتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئاپپاراتى قاتارلىقلاردىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇزاقتىن بۇيان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلغان، ئوقۇتۇش-تەتقىقات تەجرىبىسى مول ئىكەن.