2021-يىلى ھاۋا ئارمىيەسى شىنجاڭدا ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىدۇ، 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ تەكشۈرۈش باشلىنىدۇ

日期:2021年01月15日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر شېن زۇشياۋ): 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش ئىدارىسى لەنجوۋ تاللاش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن20-كۈنىگىچە شىنجاڭ ھەربىي رايونى باش دوختۇرخانىسى بېيجىڭ يولى داۋالاش رايونىدا شىنجاڭدا تىزىمغا ئالدۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش دەسلەپكى، قايتا تاللاش سىنىقى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش ئىدارىسى لەنجوۋ تاللاش مەركىزى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار تىزىملىتىش جەدۋىلى (سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋىلى)،كىملىكى (ياكى نوپۇس دەپتىرى)، يېقىندا چۈشكەن قىزىل رەڭ تەگلىك بىر سۇڭلۇق سۈرەتتىن سەككىز پارچە، يېقىنقى بىر قېتىملىق مەكتەپ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئىمتىھانى، يىللىقلار رەت تەرتىپى نەتىجە قەغىزى قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئېلىۋېلىشى كېرەك.

ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار يەتتە كۈن ئىچىدە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قەغەز دوكلاتى، ساغلاملىق ئىككىلىك كودى، شۇنداقلا ئۇدا 14 كۈن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش جەدۋىلى (مەكتەپ تامغىسى كۈچكە ئىگە)نى ئېلىپ كېلىشى كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قايتا تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش جەدۋىلىنى ئالدىن تولدۇرۇشى، ئۆزى تۇرۇشلۇق مەكتەپ تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى ئىگىلەشكە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار تەكشۈرۈشكە قاتنىشىش جەريانىدا پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاپ، شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىشى كېرەك.

ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىشتىكى قايتاتەكشۈرۈشتە ھېچقانداق ھەق ئالمايدۇ. تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، ئوقۇغۇچىلار ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياتاق، تامىقىغا كالاپەتلىك قىلىشقا لەنجوۋ تاللاش مەركىزى مەسئۇل بولىدۇ، بېرىپ-كېلىش يول خىراجىتى ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرۈپ دوكلات قىلىنىدۇ.

ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ۋە قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك بۆلۈمىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈرلۈك ئاساسىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، قايتا تاللاشقا كىرىپ تەكشۈرۈلىدۇ. تەكشۈرۈشتە ھەم بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقى، كۆرۈش قۇۋۋىتى قاتارلىق ئاساسىي مەزمۇنلار تەكشۈرۈلىدۇ، ھەم ئېلېكتىرونلۇق ئايلانما ئورۇندۇق (ئالدى دالانچە ئىقتىدارى)، كۆز ئاستى قاتارلىق ھەربىي ئىشلار ئۇچۇش ئىشلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر تەكشۈرۈلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ بولۇشىغا تەخمىنەن بىر يېرىم كۈن ۋاقىت كېتىدىكەن، ئەگەر سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا بىر تۈر لاياقەتسىز بولسا، تەكشۈرۈش ئاخىرلىشىدىكەن، بۇ سالامەتلىك تەكشۈرتكۈچىنىڭ بەدەن شارائىتىنىڭ ھەربىي ئۇچۇشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن.

بۇ قېتىم ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بەدەن تەكشۈرۈش، پىسخىكىلىق تاللاش ۋە سىياسىي جەھەتتىن باھالاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بەدەن تەكشۈرۈش ۋە پىسخىكىلىق تاللاش بويىچە تاللاپ تەكشۈرۈلىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى چىققاندىن كېيىن، نەتىجىسى شىنجاڭدىكى بىرىنچى تۈركۈمگە يەتسە، ئاندىن ئارخىپ چىقىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، ھاۋا ئارمىيەسى ئەلالارنى تاللاپ قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە قوبۇل قىلىدۇ.

ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تەۋە بولۇپ، قوبۇل قىلىنغان ئۇچقۇچى كۇرسانتلار ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە داشۆسى ياكى چىڭخۇا داشۆسى، بېيجىڭ داشۆسى، بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى داشۆسىنىڭ«قوش ئوقۇش تەۋەلىكى» ئۇچقۇچىلار سىنىپىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ.