جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

日期:2021年01月15日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) بۈگۈن (1-ئاينىڭ 15-كۈنى) ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقى قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقى قىسمى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسىم تاغلىق رايونى قاتارلىق رايونلاردا ئازراق قار ياغىدۇ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ بوران ئېغىزىدا 9-8 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ كېيىن ئېچىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃11-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃16-، شامال كۈچى ئۈچ بال بولىدۇ.

بۈگۈن توققۇز بال ئەتراپىدىكى غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30، G312 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخېيەنگىچە بولغان بۆلىكى، چىقتىمدىن لياۋدۈەنگىچە بولغان بۆلىكى. بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان ، شۇنداقلا چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G218 لىنىيەسىنىڭ لوپنۇردىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكى.