شىنجاڭدا يەنە بىر ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى مەملىكەت بويىچە تىپىك مىسالى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

日期:2021年01月13日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭدا يەنە بىر ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى مەملىكەت بويىچە تىپىك مىسالى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، پۈتۈن شىنجاڭدا ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى 110 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مىن خەۋىرى): يېقىندا، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى 2-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىدىن 50 تىپىك مىسالتىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئاقسۇ شەھىرى جياڭنەن باغ-ئورمان ئۆستۈرۈش دېھقانچىلىق مەيدانى تىزىملىكتە ئورۇن ئالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ كۆپ خىل شەكىلدىكى يەرنى مۇۋاپىق كۆلەملىك باشقۇرۇشنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتىنى يېتىشتۈرۈپ، زورايتتى، ھازىرغىچە، شىنجاڭدىكى ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىدىن مەملىكەت بويىچە ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىرى 110 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى ئائىلە ئەزالىرىنى ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى قىلغان، ئائىلە باشقۇرۇشنى ئاساسلىق باشقۇرۇش بىرلىكى قىلغان، يېزا ئىگىلىكىدە كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاساسلىق باشقۇرۇش شەكلى ھېسابلىنىدۇ.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىندىلاتاللانغان شىنجاڭ ئاقسۇ شەھىرى جياڭنەن باغ-ئورمانچىلىق ئۆستۈرۈش ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازىرى يۇقارقى سات كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئاساسىيشەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 56 كىلومېتىر، باشقۇرىدىغان يەر كۆلىمى 1115 مو (740 مو ئەسلىدە بار بولغان يەر، 375 مو ئوبوروت قىلىنغان يەر) بولۇپ، 400 مو چىلان، 340 مو ئالما، 375 مو كۆچەت ئۆستۈرۈلگەن، ئاساسلىقى چىلان، ئالما ۋە مېۋىلىك دەرەخ كۆچىتى ئۆستۈرۈش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.