تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2021-يىلى شىنجاڭنىڭ كۆزلىمە نىشانىدا 58 مىليارد يۈەندىن 60 مىليارد يۈەنگىچە قاتناش-تىرانسپورت تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئورۇندىلىپ، 67 تۈرنى يولغا قويۇشپىلانلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقان تۈر 56، يېڭىدىن ئىش باشلايدىغان تۈر 11 بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۈرىدە 2-ئاينىڭ ئاخىرى، شىمالىي شىنجاڭ تۈرىدە 4-ئاينىڭ بېشىدا ئومۇميۈزلۈك قايتا قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن.
2021-يىلى، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 6000 كىلومېتىردىن ئېشىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك (1-دەرىجىلىك) تاشيول تۇتاشتۇرۇلغان ناھىيە، شەھەرلەردىن توققۇزى كۆپەيتىلىپ 89غا يېتىدىكەن، ئىگىلىگەن نىسبىتى %83.2گە يېتىدىكەن. يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان يېزا تاشيولى 5700 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.