شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى: چاغاندا «ئىشىكنى تاقىمايمىز»

日期:2021年01月13日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنى شىنجاڭدىكى نۇرغۇن تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى شىركەتلىرىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل چاغاندا تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى «ئىشىكنى تاقىمايدىكەن»، چاغان مەزگىلىدە ھەرقايسى تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى شىركەتلىرى نۇقتىلاردىكى خىزمەتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

«چاغاندا نورمال ئىشلەيمىز، ئاز ساندىكى رايونلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پۈتۈن شىنجاڭدا تېز يوللانمىلار نورمال ئەۋەتىلىدۇ» دېدى شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز توشۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاممىۋى ئىشلار باش نازارەتچىسى لى شوۋگو تونۇشتۇرۇپ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، شىنجاڭنىڭ چاغان مەزگىلىدىكى خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرىنىڭ نورمال يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتىدىكى تېز يەتكۈزگۈچى خادىملارنىڭ كۆپىنچىسى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئورنىدا چاغان ئۆتكۈزۈپ، خىزمەتلەرنى نورمال قانات يايدۇرىدىكەن. يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى خەتەرلىك رايونلاردىن كەلگەن تېز يوللانمىلارنى %100لىك، دۆلەت ئىچىدىكى تۆۋەن خەتەرلىك رايونلاردىن كەلگەن تېز يوللانمىلارنى %30لىك نىسبەت بويىچە نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن، بىر قىسىم تېز يوللانمىلار نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ساقلايدىكەن، شۇڭا تېز يوللانما ئەشيا ئوبوروتى ۋاقتى بىر-ئىككى كۈن كېچىكىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇخبىرنىڭ جىڭدۇڭ گۇرۇھى شىنجاڭ تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، چاغاندا شىنجاڭ ئىچىدە جىڭدۇڭ تېز يەتكۈزۈشى توختىتىلمايدىكەن. «چاغان مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى 200دىن ئارتۇق نۇقتىدىكى3000دىن ئارتۇق خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى خىزمەت ئورنىدا بولىدۇ، تېز يەتكۈزۈش خادىملىرىنىڭ ھەممىسى خىزمەت ئورنىدا چاغان ئۆتكۈزىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچىدىكى تور نۇقتىلىرى چاغاندا نورمال ۋاقىتتىكىدەك خىزمەت قىلىدۇ، يوللانمىلارنى نورمال يەتكۈزىدۇ، ئۈرۈمچىدىن باشقا جايلاردىكى تور نۇقتىلىرى چاغاننىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە ئارام ئالىدۇ، چاغاننىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ نورمال تىجارەت قىلىدۇ، نورمال يەتكۈزىدۇ» دېدى جىڭدۇڭ گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى مىيەسسەر ۋاپادار.

بۇنىڭدىن باشقا، يۈەنتۇڭ، شېنتۇڭ قاتارلىق تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى شىركەتلىرى باشقۇرغۇچى تەرەپ تور بېكىتىدە چاغاندا نورمال خىزمەت قىلىدىغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى. يۈەنتۇڭ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: «چاغان مەزگىلىدە، تور، توشۇش كۈچى، خادىملار، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى كاپالەت خىزمىتىنى يېتەرلىك ياخشى ئىشلەيمىز. شىزاڭدىن باشقا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە(رايون، شەھەر)لەردە نورمال يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز(شىنجاڭدا ئۈرۈمچى، چىڭخەيدە شىنىڭ بىلەنلا چەكلىنىدۇ)، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق 209 شەھەردە نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ۋاقىت چېكى كاپالەت مۇلازىمىتى يولغا قويۇلىدۇ».

مۇخبىر دېباڭ تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ بۇ يىل چاغاندا دەم ئالمايدىغانلىقىنى، چاغان مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق كۆپ قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەردە تېز يوللانمىلارنىڭ نورمال يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئىگىلىدى.