دىققەت! ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىپ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈش 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ

日期:2021年01月13日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋەر قىلىدۇ): شىنجاڭ ئالىي مائارىپى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش كەسپى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، كونكرېت ۋاقتى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش ئىشخانىسى بەلگىلىگەن بېجىرىش ۋاقتىنى ئۆلچەم قىلىدۇ.

1-ئاينىڭ 11-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارئۆزىنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى، كىملىكىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ئېلىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش ئىشخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈش كەسپىنى بېجىرىپ، «ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تىزىملاش جەدۋىلى»نى ئالىدىكەن، «ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تىزىملاش جەدۋىلى» ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىم ئارخىپ ماتېرىيالى بولۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچى ئۆزى قارا رەڭلىك پوچېركا سىياھ قەلىمى ياكى تەنسۇبى بىلەن ئەستايىدىل تولدۇرۇشى كېرەك، باشقىلارنىڭ ۋاكالىتەن يېزىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، بوش تۈر قالسا بولمايدۇ. «ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تىزىملاش جەدۋىلى»دىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، كىملىك نومۇرى، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى نومۇرى، كەسىپ نامى ۋە ئوقۇش پۈتكۈزۈش قاتلىمىنى توغرا تولدۇرغان-تولدۇرمىغانلىقىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى كېرەك.

ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىپ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ بېجىرىلىدىغان بولۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كىملىكنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ئېلىپ، 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى مۇلازىمەت زالى (ياشلار يولى 361-نومۇر، بىڭتۇەن دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدا، چۈشتىن بۇرۇن: 10:30—13:30غىچە، چۈشتىن كېيىن: 15:30—18:30غىچە)غا بېرىپ بېجىرسە بولىدىكەن.

قوشۇمچە جەدۋەل: ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش ئىشخانىسىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش كەسپىدىن مەسلىھەت سوراش تېلېفونى