ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسلارنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىدۇ

日期:2021年01月12日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لىن خەۋەر قىلىدۇ: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسلارنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، ئاسان قايتا نامراتلىشىپ كېتىدىغان، ئاسان نامراتلىشىپ كېتىدىغانلار ھەمدە كېسەل، ئاپەت، كۈتۈلمىگەن ھادىسە قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن ئاساسىي تۇرمۇشىدا ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلگەنلەرنى ھەرىكەتچان كۆزىتىپ ئۆلچەشنى قانات يايدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بالدۇر بايقاش ۋە بالدۇر ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. مۇخبىر بۇنى 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىدى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قەرەللىك ھالدا نامراتلارنى يۆلەش تارماقلىرى بىلەن تۆۋەن كاپالەت، ئالاھىدە قىيىنچىلىق، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، مېيىپلەرنىڭ ئىككى تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئالماشتۇرۇپ، سېلىشتۇرۇپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق ھەل قىلىدىكەن، كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش، سېلىشتۇرۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئائىلىلەرگىچە، ئادەمگىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشتە «بىرمۇ ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىرمۇ ئادەمنى قالدۇرۇپ قويماسلىق»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن؛ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتىنىڭ سىجىللىقىنى ساقلاپ، تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «يەككە كىشىلىك ئائىلە» «تەدرىجىي چېكىندۈرۈش مۇددىتى» ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەننەرخىنى، زۆرۈر چىقىمنى چىقىرىۋېتىپ ھېسابلاش، قىسمەن كىرىمنى ئائىلە كىرىمىگە قوشۇپ ھېسابلىماسلىق قاتارلىق سىياسەتلەرنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇس ئىچىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ياكى قىسمەن يوقاتقان، ھەمدە كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ مۇقىم كىرىمگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتى يوقلارنى بەلگىلىمە بويىچە يېزا تۆۋەن كاپالىتى ياكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بېقىش دائىرىسىگە كىرگۈزىدىكەن ھەم قىيىنچىلىق تۈرى بويىچە مەخسۇس قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىپ، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن 15 تارماق، يەتتە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بىلەن ئۇچۇر سېلىشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆزىتىپ ئۆلچىنىدىغان ئائىلىلەر ۋە نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەرنى تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپتۇ.