ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئون كىشى «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر دېھقان ئىشلەمچى» بولۇپ باھالاندى

日期:2021年01月12日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيا، پىراكتىكانت ئاراشجاپ پامانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئېچىلغان مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىن كۈيتۈن شەھىرى تيەنخۇڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېگىرىش ئىشچىسى جېڭىسباي شىردېباي قاتارلىق ئون كىشى «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر دېھقان ئىشلەمچى» نامىغا، خوتەن ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، مەكىت ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى «مەملىكەت بويىچە دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» نامىغا ئېرىشكەن.

مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلار ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم تەقدىرلىنىدۇ. تەلەپ بويىچە، بۇ قېتىمقى باھالاش ئاساسلىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەڭ دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىغان ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا يۈزلەنگەن بولۇپ، ئاساسىي قاتلام ۋە بىرىنچى سەپتىكى ئىش ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەر %90تىن كۆپرەكنى ئىگىلىگەن. مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يېشى 16 ياشتىن 60 ياشقىچە بولۇشى، نوپۇسى يېزىدا بولۇشى (نوپۇسى يېزىدا بولسىمۇ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك، تىجارەت قىلىۋاتقىنىغا ياكى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلىگىنىگە ئۈچ يىلدىن ئاشقان بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەقدىرلەنگەن ئون نەپەر مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر دېھقان ئىشلەمچىنىڭ ھەممىسى ئاساسىي قاتلام ۋە بىرىنچى سەپتىكى ئىش ئورۇنلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاممىۋى قاتناش شوپۇرى، كارخانا خىزمەتچىسى بار، يەنە ئەمگەك ھەمكارلىق كوپىراتىپى، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى باشلامچىلىرىمۇ بار. ئۇلار ئۆز خىزمەت ئورنىدا قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تېخنىكىنى بېرىلىپ تەتقىق قىلغان، نەتىجىسى ئەلا بولۇپ، ئۈلگىلىك ۋە نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رول ئوينىغان؛ يۇرتىغا قايتىپ، يېزىدا قېلىپ ئىگىلىك تىكلەش، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان.