شىنجاڭ ئالتاي: ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ قولايلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلدى

日期:2020年12月03日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئالتاي شەھىرىدە رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى «ئالاقە تورى +»، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسى قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، ئىش بېجىرىدىغان ئاممىنى ھەيدەش كىنىشكىسى يىتىپ كەتسە تولۇقلاپ بېجىرىش، ھەيدەش كىنىشكىسىدىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ھەيدەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرتۈش، ئۇچۇر تەكشۈرۈش شۇنداقلا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، يېڭى ئاپتوموبىلنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، تىزىملىتىش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«مەن ئىلگىرى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ كەسىپ بېجىرگەندە ھەمىشە گاڭگىراپ قالاتتىم، ھازىر ئۆز ئالدىغا مەشغۇلات قىلىش ماشىنىسىنىڭ ئەسكەرتىشىگە ئەگىشىپ مەشغۇلاتنى تاماملايدىغان بولدۇم، بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ، ناھايىتى قولايلىق» دېدى ئەقىلي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدا كەسىپ بېجىرگەن بىر شەھەر ئاھالىسى.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئالتاي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتى ئاساسىدا، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئىخچاملاشتۇرۇشنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئالتاي شەھىرىدە رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئىچىدىكى ئۆز ئالدىغا مەشغۇلات قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن ئۈسكۈنىسى.

خەلق ساقچىسى ئاممىنىڭ ئۆز ئالدىغا مەشغۇلات قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

خەلق ساقچىسى ئاممىنىڭ ئۆز ئالدىغا مەشغۇلات قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

«学习强国» شىنجاڭ ئۈگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىندى