پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى دورىشۇناسلارنى رويخەتكە ئېلىش ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىسىدىن 68ى تارقىتىلدى، راست يالغانلىقىنى توردا تەكشۈرۈشكە بولىدۇ

日期:2020年12月03日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ما شاۋبىڭ، نۇرگۈل ئابلەت): كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى دورىشۇناسلىق گۇۋاھنامىسىنىڭ راست-يالغانلىقىنى توردا تەكشۈرگىلى بولىدۇ. مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى دورىگەرلەرنى رويخەتكە ئېلىش ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىسى يولغا قويۇلغان.

ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى دورىگەرلەرنى رويخەتكە ئېلىش ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىسى ئىقتىدارى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ھەمدە بىر ئاي سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدىكەن. مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان يېرىم ئايدىن بۇيان، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى دورىگەرلەرنى رويخەتكە ئېلىش ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىسىدىن68ى تارقىتىلغان ھەمدە بۇ 68 ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىنى ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشقۇرغۇچى تەرەپ تور بېتىدىن تەكشۈرگىلى بولىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى مەمۇرىي ئىجازەتنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى خۇ جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى قەغەز گۇۋاھنامە بېجىرىش ۋاقتى 16 خىزمەت كۈنى ئىدى، ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىدە ماتېرىيال تولۇق، توغرا بولغان ئەھۋالدا بېجىرىش ۋاقتىنىڭ بەش خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلىشىدا ئۈمىد بار. كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى دورىگەرلەرنى رويخەتكە ئېلىش ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىسىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش باسقۇچىدا، قەغەز گۇۋاھنامە بىلەن ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە بىردەك قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئەگەر قەغەز گۇۋاھنامە يىتىپ كەتسە ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى دورىگەرلەرنى رويخەتكە ئېلىش ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىسىنى يولغا قويۇش،ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىنى رويخەتكە ئالدۇرغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىدورىگەرلەرنىڭ خالىغان ۋاقىتتا چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقىرىشىغا قولايلىق، شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ تور بېكەت ئارقىلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى دورىگەرلىك گۇۋاھنامىسىنىڭ راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرۈشىگە قولايلىق».

كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى دورىگەرلەرنى رويخەت ئېلىش ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىسى ئىشلىتىلىشتىن بۇرۇن تارقىتىلغان ھەمدە كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى ئىچىدىكى قەغەز گۇۋاھنامە داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ ۋە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭدا «توردا ئىلتىماس قىلىش، توردا قوبۇل قىلىپ بېجىرىش، توردا تەستىقلاش، توردا ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە چىقىرىش»ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كەسىپ بىلە شۇغۇللانغۇچى دورىگەرلىككە رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا «قەغەز ئىشلەتمەسلىك»، ئىلتىماس قىلغۇچىلار پۈتۈن جەرياندا «قاترىماسلىق» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، «بىرتوردا ھەممىنى بېجىرىش» ئارقىلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى دورىگەرلىككە رويخەتكە ئالدۇرۇش تاماملىنىدۇ، رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار باشقا جايدىكى رويخەتكە ئېلىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى دورىگەرلىكنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ، تۇرۇشلۇق جاينىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.