شىنجاڭدىكى ئالقىشلانغان ئايال مۇئاۋىن ھاكىم: موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ مەملىكەت بويىچە «ۋاڭخۇڭ» بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن

日期:2020年12月01日
来源:天山网
【字体:

 خې جياۋلۇڭ قارلىق دالىدا ئات قامچىلاپ تۇرۇپ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلدى.

جۇڭگو ئاخبارات تورى، شىنجاڭ ئىلى، 11-ئاينىڭ 30-كۈنى تېلېگراممىسى(گۇۋ جىپېڭ): يېقىندا، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى خې جياۋلۇڭ قارلىق دالىدا ئات قامچىلاپ تۇرۇپ،موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلغان قىسقا سىن تور سۇپىسىدا ئالقىشلىنىپ، چەمبىرەكتىكى فېنسىلىرى سان-ساناقسىز ئاشتى.

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىلى دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان، ئوتلاقلار بىپايان، ئارغىماقلار ئۇچقاندەك چېپىپ يۈرىدۇ، «تۇلپار ماكانى» دەپ ئاتالغان.  

«كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مەن ھازىر تۇرۇۋاتقان جاي شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى تۇلپار مەدەنىيەت باغچىسىدۇر. ھەر يىلى قىش پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەن، تۇلپار مەدەنىيەت باغچىسىدىكى قارلىق دالىدا تۈمەن تۇلپارلار بەيگىگە چۈشىدۇ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دوستلارنىڭ ئۆمەك تەشكىللەپ بۇ يەرگە كېلىپ داكا قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.» سىن كۆرۈنۈشىدە، خې جياۋلۇڭ قىزىل پلاش ئارتىپ، «تۇلپار» دەپ نام ئالغان ئىلى ئېتىنى مىنىپ، بىپايان قارلىق دالىدا ئاتنى قامچىلاپ چاپتۇرۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تورداشلارغا تەكلىپنامە يوللىدى.

ئات مىنىش تىلغا ئېلىنسا، خې جياۋلۇڭ ئۆزىنىڭ ھەرگىزمۇ بۇ قېتىمقى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈنلا مەشىق قىلمىغانلىقىنى، ئىلگىرى ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلغاندىلا ئات مىنىپ باققانلىقىنى بىلدۈردى. «ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلغاندا، بەزى جايلارغا ئاپتوموبىللار كىرەلمىگەچكە، ئات مىنىپ باراتتۇق. ئات مىنمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ. بۇ قېتىم سىنغا ئالغاندا مەنمۇ يىقىلىپ يارىلىنىشتىن ئەنسىرەپ، بەك جىددىيلىشىپ كەتتىم» دېدى ئۇ.

خې جياۋلۇڭ (سولدىن 1-كىشى) موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ماللىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ تونۇشتۇرماقتا.

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە قار بايلىقى ۋە ئات بايلىقىنى «كوزىر» قىلىپ، «قار-مۇز مەنزىرىسى، قار-مۇز تەنتەربىيەسى، قار-مۇزدىكى ئاجايىباتلار، قار-مۇز ئۆرپ-ئادەتلىرى» قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ، خاس قىشلىق ساياھەت ماركىسىنى ئاساس قىلىپ، «پۈتۈن ۋاقىت، پۈتۈن پەسىل، پۈتۈن رايون»دىن ئىبارەت ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى.  

«موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان كىچىك ناھىيە، بۇ يەردە نۇرغۇن چارۋىچىلىق رايونلىرى بار، ئاتمۇ چارۋىچىلىق رايونىدىكى قاتناش قوراللىرىنىڭ بىرى، پۈتۈن ناھىيە بويىچە تەخمىنەن 120 مىڭ تۇياق ئات بار بولۇپ، <جۇڭگودىكى تۇلپار ماكانى> دەپ ئاتالغان.» خې جياۋلۇڭ مۇنداق دېدى:سىن فىلىمىنىڭ بۇنداق ئالقىشقا ئېرىشىپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى تەشۋىقات بولدى. ھازىر، موڭغۇلكۈرەگە كېلىدىغان ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ تىزىلىش ۋاقىت تەرتىپى 2021-يىلى يېڭى يىلغىچە تىزىلىپ بولدى.

ئالقىشقا ئېرىشىشتىن بۇرۇن، خې جياۋلۇڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە مال تونۇشتۇرۇپ كەلگەنىدى، يەنە دوۋيىڭدا «خې ھاكىم موڭغۇلكۈرەنى سۆزلەيدۇ» ھېسابات نومۇرىنى تىزىملاتقانىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 5-ئايدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى «ناھىيە رەھبەرلىرى + دىكتور + مەھسۇلات»يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىنلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىپمال تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەردىن بىرناھىيە رەھبىرى ۋە بىر دىكتورنىڭ ئۆز ناھىيە، شەھىرىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغان. ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ئېغىزىنى تۇتىدىغان خې جياۋلۇڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ۋاكالەتچىسى قىلىپ بېكىتىلىپ، موڭغۇلكۈرەنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇشقا باشلىغان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل 7-، 8-ئايدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، «خې ھاكىم موڭغۇلكۈرەنى سۆزلەيدۇ» دېگەن دوۋيىن ھېسابات نومۇرىنىڭ تۈرتكىسىدە 1200 كىلوگرام بۆلجۈرگەن سېتىلغان، سېتىلماي قالغان 500 توننىدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سېتىلىپ كەتكەن. 10-ئاينىڭ ئاخىرى جياڭسۇ تەيجوۋدا ئۆتكۈزۈلگەن موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، خې جياۋلۇڭ ئۈچ سائەتلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش جەريانىدا، سېتىش سوممىسى 300 مىڭ يۈەنگە يەتكەن (خەلق پۇلى، تۆۋەندىمۇ شۇنداق).

11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، «خې ھاكىم موڭغۇلكۈرەنى سۆزلەيدۇ» دوۋيىڭ ھېسابات نومۇرىنىڭ فېنسىلىرى 500 مىڭدىن ئاشقان، 170 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلىنىپ، 970 مىڭدىن ئارتۇق دىيەنزەنگە ئېرىشكەن. توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىلغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 10 مىليون يۈەندىن ئېشىشىغا، مۇكاپات كىرىمىنىڭ جەمئىي مىليون يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان، كىرىمنىڭ ھەممىسى ياشانغانلار ساناتورىيەسى، پاراۋانلىق ئورنى، ئۆيىدە قالغان بالىلار، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلاردىن ھال سوراش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىلگەن.

خې جياۋلۇڭ مۇنداق دېدى:«مەن ۋاڭخۇڭ ھاكىم بولمايمەن، مەن پەقەت موڭغۇلكۈرەنىڭ مەملىكەت بويىچە <ۋاڭخۇڭ داكا جاي> بولۇشىنى، موڭغۇلكۈرەنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە ۋاڭخۇڭ مەھسۇلاتقا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».