شىنجاڭ ياشانغانلارغا ھەرىكەت رىتسېپى يېزىپ بەردى

日期:2020年12月01日
来源:天山网
【字体:

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ياشانغانلار تەنتەربىيە بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى كۆرسەتمىسى» ئېلان قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جىڭ بو خەۋىرى): مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ياشانغانلار تەنتەربىيە بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى كۆرسەتمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كۆرسەتمە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا ماس كېلىدىغان تۈرلەرنى پائال كېڭەيتىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، ياشانغانلار تەنتەربىيە بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ ھەرىكەت رىتسېپىنى يېزىپ چىقتى.

«كۆرسەتمە»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش ياشانغانلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتىكى زۆرۈر ئارزۇسى ۋە ئاڭلىق تەلىپىگە ئايلاندى.

«كۆرسەتمە»دە مۇنداق دېيىلدى: ياشانغانلار بەدەن چېنىقتۇرۇشتا رىتىملىق تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، سىجىللىقى مۇۋاپىق بولۇش، بەدەن قىزىتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تېببىي نازارەت قىلىش ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. ياشانغانلارنىڭ ھەرىكەت سىجىللىقىغا بولغان ماسلىشىشچانلىقى ياش، بەدەن ئىقتىدارى ئەھۋالى، چېنىقىش ئاساسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ پەرقىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. بەدەن چېنىقتۇرغاندا، ئوكسىگېنلىق ۋە كۈچ مەشىقىنى نۇقتىلىق ئېلىپ بېرىش ئاساسىدا، چېنىقىش ئۇسۇلىنى ئىمكانقەدەر كۆپ خىللاشتۇرۇش كېرەك. ھەرىكەت قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، قانچە چارچاپ كەتسە شۇنچە ئۈنۈمى بولىدۇ، دېگەن خاتا قاراشقا پېتىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشتىن بۇرۇن بەدەن قىزىتىش پائالىيىتى ۋە ھەرىكەتتىن كېيىنكى بەدەن بوشاشتۇرۇش پائالىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ ساغلاملىقى ۋە بەدەن ساپاسىنى چۈشىنىش ئاساسىدا، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا چېنىقىش پىلانى تۈزۈپ، ھەرىكەتتە زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

«كۆرسەتمە»دە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ھەرىكەت رېتسېپى كېسىپ چىقىلدى. ياشانغانلارنىڭ چېنىقىشىغا ماس كېلىدىغان تۈرلەردىن سەيلە قىلىش، چېنىقىش يەل گۇمپىسى، شاھمات تۈرى، مەيدان ئۇسسۇلى، ساغلاملىق گىمناستىكىسى، چېنىقىش توپى گىمناستىكىسى، ئاستا يۈگۈرۈش، تەيجى گۇمپىسى، توپ تۈرىدىكى تەنھەرىكەت، ۋېلىسىپىت قاتارلىقلار بار ھەمدە ھەر بىر تۈرنىڭ چېنىقىش ئۇسۇلى كونكرېت چۈشەندۈرۈلگەن.

«كۆرسەتمە»دە ياشانغانلارغا تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇسۇلى ۋە سىجىللىقى تەپسىلىي تەۋسىيە قىلىنغان. ھەرىكەت سىجىللىقى جەھەتتە، تەمكىن قەدەم بىلەن مېڭىش، ئەۋرىشىم توپ قاتارلىقلار تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا پۈتۈن بەدەن ھەرىكەتلىنىپ، يۈرەك-ئۆپكىنىڭ چىدامچانلىقىئېشىپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە بەش كۈن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىش، ھەر كۈنى جەمئىي 30 مىنۇتتىن 60 مىنۇتقىچە، ھەر قېتىمدا ئاز دېگەندە 10 مىنۇت ھەرىكەت قىلىش كېرەك ياكى ھەر ھەپتىدە ئۈچ كۈن بىر قەدەر كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىش، ھەر كۈنى جەمئىي 10 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە قىلىش؛ قارشىلىق كۈچىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە، ياشانغانلارنىڭ ئىككى بىلىكى بىلەن لىق سۇ قاچىلانغان 500 مىللىلىتىر مىنېرال سۇ بوتۇلكىسىنى كۆتۈرۈپ، زوڭزىيىپ ئورنىدىن تۇرۇش، يېرىم زوڭزىيىش قاتارلىق كۆپ مۇسكۇل توپى قاتناشقان كۈچ مەشىقىنى سىناپ بېقىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئىككى كۈن ئوتتۇرا دەرىجىلىك سىجىللىقتا ھەرىكەت قىلىش، ھەر كۈنى ئىككىدىن ئۈچ گۇرۇپپىغىچە ئىشلەش، ھەر گۇرۇپپىدا 10 قېتىمدىن 15 قېتىمغىچە ئىشلەش؛ ئەۋرىشىملىك مەشىقى، بەلنى ئېگىپ پۇت بارماقلىرىنى سىلاش، يوگا، سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكىسى، تەيجى گۇمپىسى قاتارلىق ھەرىكەتلەر تەۋسىيە قىلىنغان، بۇنىڭدا بەدەننىڭ مۇسكۇل توپىنى سوزۇپ، بەدەننىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە جانلىقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؛ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش مەشىقىدە، بىر پۇتنى ئالماشتۇرۇپ ئۆرە تۇرۇش، تۈز سىزىقنى دەسسەپ مېڭىش، تاپان بىلەن دەسسەپ تىك تۇرۇش، پۇت ئۇچىدا تۇرۇش، كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەر تەۋسىيە قىلىنىدۇ، مەشىق قىلغاندا يىقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەتراپتا يۆلەنگىلى بولىدىغان جاي بارلىقىنى جەزملەشتۈرۈش كېرەك.