شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار يېغىشى بىلەن ھەر قايسى تەرەپلەر ۋاقتىدا ھەرىكەتكە كەلدى: قارلار تازىلىنىپ يوللار راۋانلاشتۇرۇلدى

日期:2020年11月30日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار لۇ فېڭباۋ، ما يىنىڭ خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 28-كۈنى كېچىدىن 29-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، قار ياغدى، شىنجاڭ قاتناش تارماقلىرى دەل ۋاقتىدا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، خادىملارنى قار تازىلاشقا تەشكىللەپ، يولۇچىلارنىڭسەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

شىنجاڭ تۆمۈريول ئورۇنلاشتۇرۇش تارماقلىرى قار يېغىش، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش دائىرىسى بىر قەدەر چوڭ بولغان رايونلاردىكى پويىزلارنىڭ يۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، كونترول قىلىشنى تەشكىللەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ ۋاقتىدا يۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا يىغىپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، تاسادىپىي ئەھۋاللارنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

ئۈرۈمچى ۋوگزالى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن زەربىدارلار ئەترىتى تەشكىللەپ، ۋوگزال سۇپىسى، پويىز ئورۇنلاشتۇرۇش مەشغۇلات رايونى، يولۇچىلارنى چۈشۈرۈش سۇپىسى ۋە ۋوگزالغا كىرىپ-چىقىدىغان يوللاردا يىغىلىپ قالغان قارلارنى نۇقتىلىق تازىلاپ، ئادەم زىچ رايونلاردىكى پەلەمپەيلەرگە تېيىلىشتىن ساقلىنىش سېلىنچىسى سېلىپ، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى، ۋوگزال يەنە ياشانغان، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ، ھامىلىدار قاتارلىق نۇقتىلىق يولۇچىلارغا قارىتا يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، ئۇلارنى ۋوگزالغا ئالدى بىلەن كىرىشكە يېتەكلىدى. كۈيتۈن، شىخەنزە قاتارلىق قار يېغىش، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش دەرىجىسى بىر قەدەر چوڭ بولغان ۋوگزاللاردا يولۇچىلارنىڭ ۋوگزالغا كىرىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە ۋوگزالغا كىرىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ ئېچىش، يېتەكچى خادىملارنى كۆپەيتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يولۇچىلارنىڭ سىرتتا ساقلاش ۋاقتىنى ئازايتتى، ھەرقايسى ۋوگزاللاردىكى ۋوگزالغا كىرىش پەلەمپىيى، ۋوگزالغا كىرىش يولى قاتارلىق ئاسان تېيىلىپ كېتىدىغان جايلارغا تېيىلىشتىن ساقلىنىش تۇزىچاچتى، خىزمەتچىلەر ۋوگزال سۇپىسى، پەلەمپەي قاتارلىق جايلاردىكى قار-مۇزلارنى ۋاقتىدا تازىلىدى.

تۆمۈريول ئىشلىرى، توك ئىشلىرى، توك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق تارماقلار خادىم، ماشىنا-سايمان قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئالدىن ياخشى ئىشلەپ، ھالقىلىق ئىش ئورنىدا 24 سائەت ئىشلەش، لىنىيە كۆۋرۈكى تونېل ئۈسكۈنىلىرى، سىگنال ئۈسكۈنىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ۋوگزال مەيدانى، ئاچال بۆلەكلىرىدىكى قارلارنى ئۈزۈلدۈرمەي تازىلاپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ نورمال يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

تاشيول تارماقلىرى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئالدىن تۈزۈپ، خادىم، ئاپتوموبىل، ئۈسكۈنە، ماددىي ئەشيا قاتارلىقلارنى تەق قىلدى. قار ياغقاندىن كېيىن، ھەرقايسى تاشيول تارماقلىرى ئادەم ۋە ئاپتوموبىللارنى تەشكىللەپ بىرىنچى بولۇپ قارلارنى تازىلىدى ھەمدە ئاسان مۇز تۇتىدىغان يول بۆلەكلىرىگە قار ئېرىتكۈچ چاچتى. 11-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 17گىچە، نۇرغۇن جايدا داۋاملىق قار ياغدى، تاشيول تارماقلىرى يوللارنى تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، تاشيولنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

مۇخبىرنىڭ تارباغاتاي تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى تولى شۆبە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئىدارە باشقۇرۇشىدىكى S221 لىنىيەسى، S317 لىنىيەسى سارغۇسىن يول بۆلىكىدە قار يېغىپ، قارنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى تەخمىنەن بەش سانتىمېتىردىن يەتتە سانتىمېتىرغىچە بولغان، قىسمەن جايلاردا شامال كۈچى يەتتە بالدىن سەككىز بالغا يەتكەن. بۇ ئىدارىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى يوللاردىكى قارلارنى ۋاقتىدا تازىلىغان، ھازىر تەۋەلىكىدىكى تاشيول يۈزىدىكى قارلارنىڭ ھەممىسى تازىلىنىپ، يوللار راۋانلاشتۇرۇلغان.

11-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپو خەلقئارا ئايروپورتى ھەرقايسى ئورۇنلارنى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ قار تازىلاش مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. سائەت 17دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە، قار-مۇز تازىلاش مەشغۇلاتى يەنىلا ئېلىپ بېرىلىپ، جەمئىي 242 ئاپتوموبىل قېتىم قار تازىلاش ئاپتوموبىلى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلۈپ، 77 نۆۋەتچى ئايروپىلان قېتىمغا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بېرىلغان، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن مۇز تازىلاش ۋاقتى 4.74 مىنۇت بولغان.