«شىنجاڭ ياخشى جاي»: ناخشا-ئۇسسۇل ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش

日期:2020年11月30日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ليۇ مېڭمېڭ خەۋىرى،فوتوسى): ئايدىڭ كېچىدە، گۈزەل قىزلار چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىشىپ، بوشلۇقتا پەرۋاز قىلىپ، كىشىنى ئاجايىپ بىر دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك ھېسىياتقا كەلتۈرەتتى؛ چوڭ ئوتلاقتا، توبۇشۇر سازىنىڭ ئاۋازى لەرزان، يېقىملىق ئاڭلىناتتى، ياشلىق جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان موڭغۇل يىگىت-قىزلىرى تاماشىبىنلارنى باشلاپ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىدى؛ گۈزەل تاجىك قىزى قىزىل كۆينىكىنى پۇلاڭلىتىپ، پامىردىكى زاراڭزىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە قايتا پورەكلەپ ئېچىلدۇردى...

11-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 21دە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلغان، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياراتقان، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ئورۇنلىغان شىنجاڭ مەنزىرىسى باش تېمىسىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا ئوينالدى.

كېچىلىك شىنجاڭنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلى، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، شىنجاڭنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، بۈگۈنكى شىنجاڭدىن ئىبارەت بەش باش تېما، 11 نومۇرغا ئايرىلغان بولۇپ، ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتىنى ئىجادىيەت يادروسى قىلغان.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ 2020-يىللىق نۇقتىلىق ئىجادىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق تىياتىر بىر يىلغا يېقىن تەييارلىق كۆرۈلۈپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي رېپېتىتسىيە قىلىندى. كېچىلىككە مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى لى تيەنيى سېنارىست، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى جەسۇر تۇرسۇن باش رېژىسسور، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك مۇزىكا ئىشلىگۈچى يې لىنخۇا مۇزىكا باشنازارەتچى بولدى.

باش رېژىسسور جەسۇر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: كېچىلىكتە بايىنبۇلاق، قاناس، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ جايلارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە مىللىي ئۆرپ-ئادىتى، ناخشا ئۇسسۇللىرى سىڭدۈرۈلدى، شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىكلىكىنى نامايان قىلدى.

مۇزىكا باش نازارەتچىسى يې لىنخۇانىڭ قارىشىچە، كېچىلىكتىكى ئەڭ چوڭ بۆسۈش ناخشا-ئۇسسۇل ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوتتۇرىغا چىقارغان تۇنجى قېتىملىق مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت بىرلەشتۈرۈلگەن ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى بولۇپ، 2021-يىلى رەسمىي ئوينىلىدىكەن.