بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى

日期:2020年11月30日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر يۈ جياڭيەن): بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرنىئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېزلىتىپ، «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى، تۆت تۈرلۈك ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەھسۇلات مىقدارىدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى.

مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 192 مىليون 78 مىڭ توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.9 ئاشقان؛ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 22 مىليون 138 مىڭ توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.1 ئاشقان؛ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 27 مىليارد 70 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئاشقان.

بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي توك چىقىرىش مىقدارى 294 مىليارد 480 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.2 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە: ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توك چىقىرىش مىقدارى 234 مىليارد 360 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.2 ئاشقان؛ شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توك چىقىرىش مىقدارى 33 مىليارد 220 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشقان؛ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توك چىقىرىش مىقدارى 17 مىليارد 880 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئازايغان؛ قۇياش ئېنېرگىيەسىدىنتوك چىقىرىش مىقدارى 9 مىليارد 20 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.1 ئاشقان.

بۇ يىل 7-ئايدا،شەرقىي جۇڭغاردىن خۇادۇڭ(جەنۇبىي ئەنخۇي)غىچە 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ توك يەتكۈزۈش قۇۋۋىتىنىڭ 6 مىليون كىلوۋاتتىن 8 مىليون كىلوۋاتقا كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئىقتىدارى سىجىل ئۆسۈپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» توك مىقدارى تېز ئاشتى.

بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، شىنجاڭ جەمئىي ئىشقا ئاشۇرغان «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» توك مىقدارى 72 مىليارد 360 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.1 ئېشىپ، 2019-يىلدىكىپۈتۈن يىلدا 71 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەت سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ بىر يىلدا «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»تىكى توك مىقدارى 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشىدىغانبولۇپ، تەخمىنەن 3 مىليون 200 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى سىرتقا يەتكۈزگەنگە، 86 مىليون 400 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد، 272 مىڭ توننا گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، 237 مىڭ توننا ئازوت ئوكسىدئاز قويۇپ بەرگەنگەباراۋەر كېلىدىكەن. «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش بېسىمىنى يېنىكلىتىش، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.